شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ك ت ئەيىبلىمەسلىك 〔2019〕 21- نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاx ئايال، ئۇيغۇر،1956-يىلى **-ئاينىڭ ***-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6529231956*********. ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، *** بازارلىق شىپاخانىنىڭ پىنسىيۇنىرى، جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسىدىن، نوپۇس تۇرۇشلۇق جايى: كۇچا ناھىيە **بازىرى ** كەنىت **- گورۇپ ***- نۇمۇرلۇق قورو،ھازىرقى ئولتۇرىغى: كۇچا ناھىيە** بازار ***** رايۇنى **-گوروپپىدا، ئىلگىرى جازالانمىغان.
قانۇنسىز پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 09-ئاينىڭ 20-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىللىككە بىرىلگەن .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2019〕872-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxنىڭ قانۇنسىز پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايى دېلوسىنى 2019-يىلى12-ئاينىڭ 26-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جىنايەت گۇماندارىغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق. گۇماندارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق.2020-يىلى 01-ئاينىڭ 27-كۈنى دىلو سۈرىكىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق. 2020-يىلى 02-ئاينىڭ 10-كۈنى دىلونى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىگە 1-قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق،2020-يىلى03-ئاينىڭ10-كۈنى دىلونى قايتا يوللىدى،2020-يىلى 04-ئاينىڭ 03-كۈنى دىلونى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىگە 2-قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق،2020-يىلى05-ئاينىڭ06-كۈنى دىلونى قايتا يوللىدى،2020-يىلى 6-ئاينىڭ6-كۈنى دىلو بىجىرىش سۈرىكىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق، كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى بېكىتكەن پاكىتلار تۆۋەندىكىچە:
جىنايەت گۇماندارى ئاx 1971- يىلدىن 2010- يىلغىچە كۇچا ناھىيە **بازارلىق شىپاخانىدا ****بۈلۈمىدە، تۇغۇت بۈلۈمىدە ئىشلەپ پىنسىيىگە چىققاندىن كىيىن 2012- يىلغىچە ئائىلىسىدە ئارام ئالغان. 2012- يىلدىن 2019- يىل 5- ئايغىچە ئۆزىنىڭ دوختۇرلۇق سالاھىيىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، مۇناسىۋەتلىك سەھىيە تارماقلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز، ئۆزى بىلگەنچە*** بازىرى ھەر قايسى كەنىت تەۋەلىكىدىن تۆۋەندىكى توغۇت يېشىدىكى ئاياللارغا، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى قىلىپ، ھامىلە چۈشۈرۈش، بالياتقۇنى تازىلاش، ئۈزۈك سېلىش، ئۈزۈك ئېلىش قاتارلىق قانۇنسىز پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.
1)** بازىرى** كەنىت **- گورۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق رxگە، قانۇنسىز پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى قىلىپ، 2009- يىل 7- ئايدا بىر قېتىم قالدۇق ھامىلە چۈشۈرۈپ تازىلاش ئېلىپ بارغان. 2019- يىل 5- ئايدا يەنە بىر قېتىم قالدۇق ھامىلە چۈشۈرۈپ تازىلاش ئېلىپ بارغان.
2) ** بازىرى** كەنىت 6- گورۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق مxگە، قانۇنسىز پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى قىلىپ، 2016- يىل 8- ئايدا بىر قېتىم ئۈزۈك ئېلىپ قويغان. 2018- يىل 2- ئايدا بىر قېتىم ئۈزۈك سېلىپ قويغان.
3)** بازىرى** كەنىت**- گورۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئى***گە، قانۇنسىز پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى قىلىپ، 2018- يىل 3- ئايدا بىر قېتىم ئۈزۈك سېلىپ قويغان.
4) ** بازىرى** **- كەنىت**- گورۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق شxگە، قانۇنسىز پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى قىلىپ، 2017- يىل 1- ئايدا بىر قېتىم ئۈزۈك ئېلىپ قويغان. 2018- يىل 9- ئايدا بىر قېتىم ئۈزۈك سېلىپ قويغان.
5) ** بازىرى *** كەنىت**- گورۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق تxگە، قانۇنسىز پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى قىلىپ، 2017- يىل 10- ئايدا بىر قېتىم ئۈزۈك سېلىپ قويغان.
6)**بازىرى **- كەنىت **- گورۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق جxىگە، قانۇنسىز پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى قىلىپ، 2018- يىل 3- ئايدا بىر قېتىم ئۈزۈك سېلىپ قويغان.
7)** بازىرى *** كەنىت **- گورۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق پxگە، قانۇنسىز پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى قىلىپ، 2019- يىل 2- ئايدا بىر قېتىم ئۈزۈك سېلىپ قويغان.
8) ** بازىرى ** كەنىت **- گورۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق پxكە، قانۇنسىز پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى قىلىپ، 2018- يىل 2- ئايدا بىر قېتىم ئۈزۈك ئۈزۈك ئېلىپ قويغان.
مەھكىمىمىز مەزكۇر دىلونى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە ئىككى قېتىم تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرغان بولساقمۇ،ئاxنىڭ قانۇنسىز پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايى قىلمىشىنى ئىپساتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارىدۇق، شۇڭلاشقا « جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 175- ماددا 4- تارماقدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئا***نى گۇمان بويىچە بويىچە بىرتەرەپ قىلدۇق .
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقۇرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ .
ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە مەمۇرى جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىسى
2020-يىلى 6- ئاينىڭ 21- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论