乌什县人民检察院
不起诉决定书
乌什检一部刑不诉〔2021〕xx号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبلىماسلىق (2019) xx -نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسىxx شەھىرىxx رايونىxxرايونى xx-بىنا xx-ئىشىك xx-نومۇرلۇق ئۆي. ئالي مەكتەپ مەخسۇس كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، xx ناھىيەلىك xx پىنسىيونىرى، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxx 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچ سائەت 21:30 ئەتراپىدا ئۇچتۇرپان ناھىيەxxبازىرىدىكى بىر ئاشخانىدا ئەxxقاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، سائەت 00:30 دا ئاشخاندىن قايتىپ چىقىپ، ئىماملىرىم بازارلىق مەركىزى مەكتەپىنىڭ يان تەرپىگە توختۇتۇپ قويغان ئۈزىنىڭ قارا رەڭلىك xx ماركىلىقxxنومۇرلۇق ماشىنسىدا ئارام ئالغاندىن كىيىن، سائەت 04:30 ئەتراپىدا ماشىنىسىنى مەسىت ھەيدەپ شەرقىتىن-غەرپىكە مېڭىپ، xx بازىرى xx-كەنىت xx-مەھەللە يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ماشىننىڭ سۈرئىتى ئېشىپ يولدىن چىقىپ كىتىپ يول بويىدىكى كۇچا چىرىقىغا سۇقۇلۇپ كەتكەن. ئەيىبلەنمىگۈچى يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
ئەدىليىلىك باھالاش دوكلاتىدا «ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 89.60 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان.
ئەدىليىلىك باھالاش دوكلاتىدا «ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxx ھەيدىگەن xx نومۇرلۇق ماشىىنىنىڭ يول يۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 85 كىلومېتىر» دەپ يەكۈن چىقارغان.
يول قاتناش ھادىسە ئېتراپنامىسىدا «ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxx مۇشۇ قېتىملىق ۋەقەدە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
مەھكىمىمىز: ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxxنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئىچكەن ھاراقنىڭ مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بۇلۇپ، قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى 110 مىللىگىرامدىن تۆۋەن، ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئىگە، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا بېرىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىدى، شۇڭا ئەيىبلەنمىگۈچىنى «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلدى.
ئەگەر تەرەپلەر مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمسىگە ئەرز قىلسا بۇلىدۇ.
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论