欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(阿某某滥伐林木案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-22 尘埃 评论0

乌什县人民检察院

不起诉决定书

乌什检一部刑不诉〔2020〕24号

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

 

                       ئۇ ن ت ئەيىبلىمەسلىك (2020)  24  -نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى ئوXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1977-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:6529271977XXئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، ئۇچتۇرپان ناھىيە XX يېزا XX-كەنىت 7-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن دەل-دەرەخلەرنى كەلسە- كەلمەس جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1972-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6529271972XX، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، قامىلىشتىن ئىلگىرى  ئۇچتۇرپان ناھىيە XX يېزا XX-كەنىت 6-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىنXX جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك XX يىللىق قاماق جازاسى  بىرىشكە ھۈكۈم قىلىنغان، سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولمىغانلىقتىن 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى سىرىتقا داۋالىنىشقا كاپالەتچىگە بىرىلگەن، ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا جازا ئۈتەۋاتىدۇ.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئXX، ئاXXلارنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىدۇق ۋە جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، دىلو بىجىرىش سۈرۈكى بىر قېتىم ئۇزارتىلدى.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

ئەيىبلەنمىگۈچى ئوXX ئۇچتۇرپان ناھىيە XX يېزاXX-كەنىت 7-مەھەللە تەۋەسىدە ئۆزىنىڭ تېرىلغۇ يىرىنىڭ ئەتراپىدىكى شەخسى ئىگدارلىقىدىكى 120 تۈپ دەرەخ (تىرەك دەرىخى) نى 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن دەرەخ كېسىش ئىجازەتنامىسى بىجىرىپ،ئەيىپلەنمىگۈچى ئاXXغا 15000 يۈەنگە ساتقان، ئاXXيۇقارقى دەرەخنى سېتىۋالغاندىن كىيىن 2020-يىلى3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە كەسكەن، دەرەخ كىسىش جەريانىدا ئاXX، ئوXXغا » بۇ دەرەخلەر ماڭا پايدا قىلمايدىكەن» دىگەندە، ئوXX تېرىلغۇ يەرنىڭ بۇيىدىن 10 تۈپ دەرەخنى قۇشۇپ كېسىۋال دەپ ئاXXغا بەرگەن، ھەمدە »دەرەخ كېسىش جەريانىدا شاخلىرى زەخمىلەنگەن 31 تۈپ دەرەخنى كېسىپ ئېلىۋىتىڭلار، پايدىلانغىدەك يىرىنى سىلەر ئەكىتىپ پايدىلىنىڭلار، شاخ-شۇمبىلىرى ماڭا قالسۇن» دەپ، ئاXXنىڭ 41 تۈپ دەرەخنى« دەل-دەرەخ كېسىش ئىجازەتنامىسى» بىجىرمەي كېسىشىگە يول قويغان.

ئەيىپلەنمىگۈچى ئاXX2020-يىلى3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەيىپلەنمىگۈچى ئوXXنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيە XX يېزاXX-كەنىت 7-مەھەللىدىكى تېرىلغۇ يىرىنىڭ يېنىدىكى شەخسى ئىگدارلىقىدىكى 120 تۈپ ( دەرەخ كىسىش ئىجازاتنامىسى بىجىرگەن) تىرەك دەرىخىنى 15000 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالغان، ھەم يۇقارقى دەرەخنى كىسىش جەريانىدا ئاXX، ئوXXغا«بۇ دەرەخلەر ماڭا پايدا قىلمايدىكەن» دىگەندىن كىيىن، ئوXX، ئاXXگە يەنە 41 تۈپ دەرەخ (دەرەخ كېسىش ئىجازەتنامىسى بىجىرىلمگەن) نى قۇشۇپ كېسىۋال،شاخ شۇمبىلىرى ماڭا قالسۇن دىگەن. ئاXX يۇقارقى 41 تۈپ دەرەخنىڭ ئىجازەتنامىسى بىجىرمىگەنلىكىنى بىلگەن تۇرۇپ ياكى ئۆزى ئورمانچىلىق تارماقلىرىدىن «دەرەخ كېسىش ئىجازەتنامىسى» بىجىرمەي،  2020-يىلى3 -ئاينىڭ 12-كۈنىدىن  16- كۈنىگىچە ئۆز  ئالدىغا قالايمىقان كەسكەن.

شىنجاڭ جېن گۈەندا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ) 2020) 498-نومۇرلۇق باھالاش پىكرىدە « ئوXX ئاXXلار تەرپىدىن كەلسە كەلمەس كىسىلگەن دەرەخنىڭ زاپاس مىقدارى 10.9473كۇپ مىتىر، زىيان قىممىتى 2463 يۈەن» دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلارماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

دېلونىڭ پاكىت ئوچۇق، دەلىل-ئىسپات راست ھەم تولۇق. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئوXXنىڭ دۆلەتنىڭ ئورمانچىلىق قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، كېسىش ئىجازەتنامىسى بىجىرىلمىگەن دەرەخلەرنى باشقىلارنىڭ كېسىشىگە يول قويغان قىلمىشىدىن، جاۋابكار ئاXXنىڭ دۆلەتنىڭ ئورمانچىلىق قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، كېسىش ئىجازەتنامىسى بىجىرىلمىگەن دەل-دەرەخ ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇپ كەسكەن قىلمىشىدىن دەل دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كىسىش جىنايىتى شەكىللىندۇ، « جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 345-ماددا 2-تارماق، 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك، لىكىن ئەيىپلەنمىگۈچى ئوXX، ئاXXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيەسى ۋە تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ ياخشىلىقى، كەلسە كەلمەس كەسكەن دەرەخنىڭ مىقدارىنىڭ بىر قەدەر ئاز، قىلمىشىنىڭ كۈرۈنەرلىك يىنىكلىكى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئالغاندا ئوXX، ئاXXرگە جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۈرۈريىتى يوق دەپ قارىدى.شۇڭا «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ -177ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلىندى.

مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىغان تەرەپ قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى  بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.

2020-يىلى10-ئاينىڭ 23-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top