توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ت ج ئەيىپلىمەسلىك (2020) – نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۇچى ئ**، ئەر، ئويغۇر، ** ياش، 19**-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى:1034 ********652925. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان،توقسۇ ناھىيىسىدىن، ئى** يېزا م** كەنت *-گوروپ **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق،ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئ**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۇنى (2020) 42-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەيىپلەنمىگۇچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،ئەيىپلەنمىگۇچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدى،دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۇردى.
مەھكىمىمىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
ئەيىپلەنمىگۇچى ئ** 2019-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 23:00 ئەتىراپتا،ئويىدە ئوزى يالغۇز ھاراق ئىچكەن،11-ئاينىڭ 1-كۇنى سائەت 10:00 ئەتىراپتا، ھويلىسىغا توختۇتۇپ قويغان 新N60485 نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئولكە يۇلى 243-لىنيىسىدە جەنۇپتىن شىمالغا يونىلىش بۇيىچە يول يۇرۇپ،ئولكە يۇلى 243-لىنيە 7 كىلومىتىر+ 800 مىتىرلىق ئۇرۇنغا كەلگەندە، شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ ساقچىللىرى ئ** ھەيدىگەن ماشىننى تۇسۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئ**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىنى بايقاپ،ئ**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان،
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 8325- نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە ئ**نىڭ: ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 89مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
ئ** (2019) 8325-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىگە قايىل بولماي توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىگە قايتا باھالىتىش ئىلتىماس سۇنغان.
شىنجاڭ خۇانۇڭ ماددىي ئىسپاتلارنى ئەدىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019) 7949-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە: ئا**نىڭ ھەر يۇز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 85.32 مىللىگىرام ئىكەنلىگى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات،باھالاشنامە،ئۇن -سىن ماتىريالى،ئا**نىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكتىشكە بۇلىدۇ.
مەھكىممىز ئەيىپلەنمىگۇچى ئ**نىڭ دولەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش بەلگىلىمىللىرىگە خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىلىندۇ. بىراق ئ** تۇنجى قېتىم دىلو سادىر قىلغان،جىنايىتىگە ھەقىقى توۋا قىلىپ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى يۇقرى ئەمەس، ئېغىرلىتىپ جازا بىرىلدىغان باشقا ئەھۋاللار يوق،ج خ ئىدارىسىمۇ ئ**نى كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويغان،شۇڭا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىممىسىنىڭ (2019)34-نۇمۇرلۇق «شىنجاڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدەش جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكرى(سىناق نۇسخا)» نىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئا**نى ئەيىپلىمەسلىكنى قارار قىلدى.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەكرار تەستىقىغا سۇنسا بولىدۇ.
ئەيىپلەنمىگۇچى ئ** مەزكۇر ئەيىپلىمەسلىك قارارىغا قايىل بۇلمىسا، ئەيىپلىمەسلىك قارارنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرزى بەرسە بۇلىدۇ.
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论