شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ك ت ئەيىبلىمەسلىك 〔2020〕 36- نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاx، ئەر، ئويغۇر ، 1970 -يىلى ***-ئاينىڭ ***-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********* 6529251970، تۇلۇق كۇرۇس مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى ، جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، شىنجاڭ توقسۇ ناھىيىسىدىن، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: توقسۇ ناھىيە**** بازار *** يولى **-نومۇر *-بىنا **-ئىشىك ***-ئۆي ، ئىلگىرى جازالانمىغان.
قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2018-يىلى10-ئاينىڭ22 -كۈنى توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈلۈپ، شۇ كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن . ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2019〕446-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxنىڭ قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايى دېلوسىنى-يىلى05- ئاينىڭ 08-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچىغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،2020-يىلى6-ئاينىڭ 8-كۈنى دىلو بىجىرىش سۈرىكىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق 2020- يىلى6-ئاينىڭ23-كۈنى دىلونى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق،2020-يىلى 9-ئاينىڭ1-كۈنى دىلونى تۇلۇقلاپ قايتا يوللىدى ، دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاx 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 4- كۈنى سائەت 16:52 ئەتراپىدا ، نۇمۇر تاختىسى يوق (توقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەتىرىتىنىڭ ماشىنىسى) ساقچى ماشىننى پىراۋىلىق توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازىرى ****يۇلىدا شىمالدىن جەنۇپقا يولىنىش بويىچە ھەيدەپ چارلاش ۋەزىيپىسىنى ئىجىرا قىلىپ كونا مەسچىتنىڭ ئالدىغا كەلگەن ۋاقىتتا ، يۇقارقى ئۇرۇندا غەرىپتىن شەرىققە يۆلىنىش بۇيىچە پىيادە يولنى توغىرسىغا كىسىپ ئۈتىۋاتقان خxنى سۇقۇۋەتكەن ، نەتىجىدە خx يارلىنىپ دوختۇرخاندا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلىشتەك يول قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن .
كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى جەسەت تەكشۈرۈش باھالاش پىكرىدە : ئۆلگۈچى خxنىڭ باش قىسىمى بىسسىز سىرتقى كۈچ(سۇقۇلغان سىرتقى كۈچنىڭ) ۋە (بىسىلىش خارەكتىرلىك سىرىتقى كۈچ)نىڭ تەسىرىدە،ئىچىلىش خارەكتىرلىك مېڭە زەخمىلنىش كىلىپ چىقىقان ۋە كۆكىرەك بوشلۇقى ئىچكى ئەزالار زەخمىلنىپ، ئىككىلەمچى زەخمىلنىش خارەكتىرلىك شۈك بۇلۇپ ئۆلگەن دەپ يەكۈنلىگەن .
كۇچا ناھيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ 〔2017〕0001-نومۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىدا: ئەيىبلەنمىگۈچى ئاx يۇقارقى ھادىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ،خx يۇقارقى ھادىسىدىكى قۇشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بېكىتكەن.
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللەنسىمۇ، ئاxنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقى،تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىقى،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن تۆلەم كېلىشىمىنى پائال ھاسىل قىلغان ھەمدە ئادا قىلغان،شۇنداقلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن بولغاچقا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177- ماددا2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن نىسپىي ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق .
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقۇرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ .
كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە مەمۇرى جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىسى
2020-يىلى 09- ئاينىڭ 29- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论