欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(阿某某交通肇事案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-20 尘埃 评论0

温宿县人民检察院

不起诉决定书

温宿县检一部刑不诉〔2020〕29号

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

 ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

                    ئو ت ئەيىبلىمەسلىك ( 2020 )   -نومۇرلۇق 

ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXX ، ئەر، ئۇيغۇر،XX19-يىلىXX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى :3458XXXXXX65292219 ،شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيە XX بازىرى XX كەنتX-مەھەللەXX-قورودا  ئولتۇرۇشلۇق،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە ،دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن2019-يىلى9-ئاينىڭ 10-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە  كىپىلگە بىرىلگەن. 

ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXنى قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايتى بىلەن 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىىچە سوراق قىلدۇق؛ ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلەتاۋاباتىغا دەۋادىكى ھوقوق-مەجبۇريىتىنى ئوقتۇردۇق، بارلىق دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

2019-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 21 دىن01مىنۇت ئەتىراپىدا ئەيىبلەنمىگۈچى ئا新NCXXXX XXنومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلغا مەXXنى چىقىرىپ ھەيدەپ ، ئونسۇ ناھىيە XX بازىرى XX كەنتى 3-مەھەللە  يول بۆلكىگە كەلگەندە، يولدىن توغرىسىغا ئۆتۈۋاتقان ئىXXنى سوقۇۋەتكەن، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXX زىيانلانغۇچىنى دەرھال باشقىلارنىڭ ئاپتوموبىلىغاسېلىپ XX بازارلىق شىپانىغا ئېلىپ بارغاندا زەخمىسىنىڭ ئېغىرلىغىنى،ئاقسۇۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەشنى ئېيتقان،شۇنىڭ بىلەن ئىXXنى قىزىل بازارلىق شىپاخانىنىڭ120جىددى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا سېلىپ، ئاقسۇۋىلايەتلىك 2-دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىش جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ھادىسىدە ئاXXغا ئاساسلىق مەسئۇلىيەت بىكىتىلگەن

دېلو سادىر بولغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرسۇغۇرتا شىركىتى ۋە  ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXX بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلىپ، كىلىشكەن تۆلەم پۇلى  تولۇق تۆلىنىپ ئاخىرلاشقان، ئەيىبلەنمىگۈچى زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەن.

     يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھادىسە سادىر قىلىپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ قاتناش ھادىسىسى پەيداقىلىش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXنىڭ جىنايى قىلمىشى يىنىك، جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلغان ھەم ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ67-ماددا3-تارماق، 37-ماددا بەلگىلمىسى بويىچە جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلمىسىگە ئاساسەن ئاXXنى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى. 

ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXX بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، مۇشۇ قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ.

ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top