شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ي ت ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 8 -نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى مە ،XX ئەر، **19–يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: **653125، ئۇيغۇر، ئوتتۇرا تىخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ** ئىدارسنىڭ كادىرى، پارتىيە ئەزاسى، يەكەن ناھىيە ** كوچا باشقارمىسى ** يولى **-نۇمۇرلۇق قورۇ **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.
بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى مە XXنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:
ئەيىبلەنمىگۈچى مە XX 2019– يىلى 3– ئاينىڭ 8– كۈنى سائەت 23دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە، مەس ھالەتتە، 新Q** نومۇرلۇق ** رەڭلىك ** ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشنىسىنى يەكەن ناھىيە ** ** ئالدىدىن يەكەن ناھىيە ** يولى تەۋەسىدىكى ** ئىجىتىمائى رايونغا ئىش بېجىرىش ئۈچۈن ھەيدەپ مېڭىپ، ** مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، چازا قۇرۇپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى ئېلىپ بېرىۋاتقان شەھەر ئوتتۇرا ئەتىرتىدىكى قاتناش ساقچىللىرى تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ ماشنا ھەيدىگەنلىكى بايقىلىپ، تىيەنچۈەن دوختۇرخانىسغا بېرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغاندىن كىيىن ئەتىرتىمىزىگە ئېلىپ كىلىپ كېپىلىگە بەرگەن.
شىنجاڭ «جىنلۇ» ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى نىڭ {2019}***-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «مە XXنىڭ قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 90.1 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچى مە XX بۇ قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قايىل بولغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛
1. يازما ئىسپات : ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىسپاتلىرى، قان ئەۋرىشكىسى ئىلىش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى ؛
2. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
3. «شىنجاڭ جىنلۇ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) ****- نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛
4. نەق مەيدان خاترىىسى ۋە رەسىملىرى.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى مە XXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133 – ماددا 1 – مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ . قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى مە XXنىڭ قىلمىشى يىنىك، زىيانلىق ئاقىۋىتى ئىغىر ئەمەس، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 3 - تارماق، 133 - مادداىسىنىڭ 1 - مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177– ماددا 2 - تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مە XXنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى
2020- يىلى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论