شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ي ت ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020)- نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى مX، ئەر، ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65312519**********، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى دىھقان، يەكەن ناھىيە ** يىزا ** كەنتى **-مەھەللە **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى مXنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:
ئەيىبلەنمىگۈچى مX 2019– يىلى 6–ئاينىڭ 29– كۈنى سائەت 00 دىن 16مىنۇتلار ئۆتكەندە، مەسىت ھالەتتە 新Q***** نومۇرلۇق ** رەڭلىك ** ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى يەكەن ناھىيە ** يىزا بازار ئىچىدىكى باداملىق باغنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ مىڭىپ ** يىزا **-كەنىت تەۋەلىكىگە كەلگەندە شۇئەتراپتا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكى بايقىلىپ قىلىپ يەكەن ناھيە ج خ ئىدارىسى قاتناش چوڭ ئەترىتىگە دىلو مەلۇم قىلغان.
«شىنجاڭ جىنلۇ ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ {2019}**-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا « مXنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 99.35 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچى مX قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قايىل بولغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛
1. يازما ئىسپات : ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىسپاتلىرى، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى؛2.گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى؛3. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛4. «شىنجاڭ جىنلۇ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) **-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ؛5. نەق مەيدان رەسىملىرى ؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى مXنىڭ ھاراق ئىچىپ، مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ. قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى مXنىڭ قىلمىشى يېنىك، ئىغىر زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، جىنايى جازا ھۆۈكم قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مXنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى.
ئەيىبلەنمىگۈچى ئەگەر بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى
2020- يىلى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论