欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(认罪认罚案件适用)(麦某提图尔荪·外力)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

机密★1年

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

 ي  ت 1-بۆلۈم  ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020)  34- نۇمۇرلۇق

 ئەيىبلەنمىگۈچى مX، ئەر، 19**- يىلى **- ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:**********65312519، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، تامچى، ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنتى **-مەھەللە **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 07-ئاينىڭ 10-كۈنى يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.

بۇ دىلونى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى مXنى قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە  چېتىشلىق دەپ قاراپ،  2020- يىلى 01-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ  تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشگە يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق. 

بۇ دىلونى 2020-يىلى 02- ئاينىڭ 18- كۈنى، 2020- يىلى 04-ئاينىڭ 02-كۈنى تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق، 2020-يىلى 06- ئاينىڭ 10- كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تولۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.   

    قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:

ئەيىبلەنمىگۈچى مX 2019–يىلى 06-ئاينىڭ 06-كۇنى 19دىن 04 مىنۇت ئۆتكەندە، پىراۋىسىز 新Q***** نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكلىتقا ئاX (ئەيىبلەنمىگۈچى مXنىڭ ئوغلى، 20**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان) نى مىندۈرۈپ، ** ناھىيە ** بازىرى **-كەنتى **-مەھەللە تەۋەسىدە، (ناھىيە يولى **-لىنيە 16كىلومىتىر+900مىتىرلىق ئورۇن) شەرقتىن-غەرپكە قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ، ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇنغا كەلگەندە، قوللانغان تەدبىرى مۇۋاپىق بولماي جەنۇپ تەرەپ يول ياقىسىدىكى تىرەككە سوقۇلۇپ كەتكەن، نەتىجىدە ئاX قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان. 

قانۇن دوختۇرنىڭ جەسەت تەكشۇرۇش دوكىلاتىدا، قازا قىلغۇچى ئاX ھايات ۋاقتىدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ دوخمال خاراكتىرلىك ھەركەتچان جىسىمنىڭ سوقۇلۇش زەربىسىدىن، باش مىڭىسى زەخمىلىنىپ قازا قىلغان دەپ يەكۇن چىقىرىلغان .

    ** ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى 65312512019*******-نۇمۇرلۇق ھادىسە ئىتىراپنامىسىدا، ئەيىبلەنمىگۈچى مXنى ھادىسىدە تولۇق مەسئولىيەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن. ئەيىبلەنمىگۈچى مX ئىتىراپنامىگە قايىل بولغان.

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1.يازما ئىسپات: ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دىلونىڭ پاش بولۇش جەريانى؛ زىيانلانغۇچى (ھادىسىدە قازا قىلغۇچى ئاX) نىڭ نۇپۇس ئۆچۈرگەنلىك ئىسپاتى؛ ** ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش چوڭ ئەتىرىتىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگۈچىنىڭ ئۇچۇر تەكشۈرۈش دوكىلاتى؛ ** ناھىيىلىك خەلق دۇختۇرخانىسىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە كىسەللىك تارىخى؛ زىيانلانغۇچىنىڭ ئانىسىنىڭ كەچۈرۈمنامىسى؛ ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ پۇشايماننامىسى؛ ** يىزا ** كەنتى تەمىنلىگەن ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ ئاتا-بالىلىق ئىسپاتى؛

2.زىيانلانغۇچىنىڭ ئانىسىنىڭ بايانى؛ 3. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بايانى؛ 4. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛ 5.ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى؛ 6. نەق مەيدان خاتىرىسى ۋە فوتو سۈرەتلەر.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى مXنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۇرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە چېتىلىدۇ، قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان، زىيانلانغۇچىنىڭ ۋەسىيىسىنىڭ كەچۈرىمىگە ئىرىشكەن، شۇڭلاشقا جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مXنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى. 

ئەيىبلەنمىگۈچى ئەگەر بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020- يىلى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top