欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(认罪认罚案件适用)(麦某提·色麦提)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

机密★1年

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ي  ت  2- بۆلۈم ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 22 -نۇمۇرلۇق  

ئەيىبلەنمىگۈچى مە، XXئەر، **19–يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: **65312519، ئۇيغۇر، تولۇقىسز ئوتتۇرا مەكىتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، خەلق ئەسكىرى (يەكەن ناھىيە **  ** **)، يەكەن ناھىيە **** ئىجتىمائى رايۇنى ** قورو **-بىنا **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 19- كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن. 

بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى مەXXنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 13- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن  ئەيىبلەنمىگۈچگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.

 تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:

ئەيىبلەنمىگۈچى مەXX 2019-يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 17:00 لەر ئەتراپىدا يەكەن ناھىيە ** يولىدىكى ھاراق دۇكنىدا ئۆزى يالغۇز  بىر بوتۇلكا ئاق ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، مەست ھالەتتە Q**   نومۇرلۇق قىزىل رەڭلىك « XX» ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتوسكىلىتىنى، يەكەن ناھىيە ****بىرىش ئۈچۈن، يەكەن ناھىيە ** يولىدىن ھەيدەپ مىڭپ، يەكەن ناھىيە ** يولى **تۆت كوچا ئىغىزىغا كەلگەندە،2019– يىلى 4– ئاينىڭ 25– كۈنى سائەت 19دىن 00مىنۇت ئۆتكەندە،  شۇ يەردە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى ئىلىپ بىرىۋاتقان قاتناش ساقچلىرى تەرىپىدىن بايقىلپ تۇتۇلغان. 

شىنجاڭ «جىنلۇ» ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى نىڭ {2019}****-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «مەXXنىڭ قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 118.4 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچى مەXX بۇ قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قايىل بولغان.

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛

1. يازما ئىسپات : ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىسپاتلىرى، قان ئەۋرىشكىسى ئىلىش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى ؛

2. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

3.گۇۋھىچلارنىڭ گۇۋاھلىق ئىسپاتى؛

4. «شىنجاڭ جىنلۇ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) ****- نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛

5. نەق مەيدان خاترىىسى ۋە رەسىملىرى. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى مەXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133 – ماددا 1 – مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ. قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى مەXXنىڭ قىلمىشى يىنىك، زىيانلىق ئاقىۋىتى ئىغىر ئەمەس، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 3 - تارماق، 133 - مادداىسىنىڭ 1 - مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177– ماددا 2 - تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەXXنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى. 

ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

 

يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى

2020- يىلى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top