精河县人民检察院
不起诉决定书
精检一部刑不诉〔2020〕31号
جىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ج ت 1-بۆلۈم ئەيىبلىمەس خەتلىك (2020)31- نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى: ئا**، ئەر، ئۈيغۇر، **19- يىل **- ئاينىڭ **- كۈنى جىڭ ناھىيسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 10711******65272219، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، نوپۇس تۇرۇشلىق ئورۇن: جىڭ ناھىيە ** يېزا ** كەنت **- گۇرۇپپا 141- نومۇر، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورۇن: جىڭ ناھىيە ** رايونى**- بىنا **- كورپۇس **- نومۇر، كەسپى: جىڭ ناھىيە **زاۇۋتىنىڭ ئشچىسى. 2020- يىل 10- ئاينىڭ 3- كۈنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايى قىلمىشى گۇمانى بىلەن جىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. 2020- يىل 11- ئاينىڭ 24- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن داۋاملىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
جىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2020)154- نومۇرلۇق «ئەيىبلەش پىكىرنامىسى» بىلەن ئەيىبلەنمىگۈچى ئا**نىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايى ئىشلار دېلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، مەھكىمىمىز 2020- يىل 11- ئاينىڭ 24- كۈنى دېلو توپلامىدىن ئىككىنى تاپشۇرۇۋالدى.
-2020يىل 4- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 16:00 ئەتراپىدا، ئەيىبلەنمىگۈچى ئا** جىڭ ناھىيە ** رايونىغا جايلاشقان ** زاۋۇتىدا، ئۆزى بىلەن بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان توختى ئابلا بىلەن خىزمەت توغۇرلۇق گەپ تالىشىپ ئۆزئارا ئۇرۇشۇش جەريانىدا، ئەيىبلەنمىگۈچى ئا** توختى ئابلانىڭ يۈز قىسمىغا ئۈسسۈپ، توختى ئابلانىڭ بۇرۇن قىسمىنىڭ 2-دەرىجىلىك يېنىك زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
يۇقارىقى پاكىت يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىقى، باھالاش خۇلاسىسىىى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئەيىبلەنمىگۈچى ئا**نىڭ قىلمىشى <<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>> نىڭ 234- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (يېنىك) جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، لېكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئا** ئىلگىرى سوتلۇق بولغان تارىخى يوق، جىنايىتىگە تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىىشنى ئەينەن تاپشۇرۇپ، ئىختىيارىي جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى، زىيانلانغۇچى بىلەن ئىلىگرى بىر زاۇۋتتا ئشلىگەن، جىنايى ئىشلار بويىچە مۇرەسسەدە كېلىشىپ، زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ، ئەپۇسىغا ئېرىشىپ كېلىشمنامىغا ئىمزا قويۇپ بولدى، ئەيىپلەنگەن تەقدىردىمۇ يېنىك جازا بېرىلىش ياكى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقى يوقىرى، شۇڭا دىلو ئەھۋالىنى ئومۇمى جەھەتتىن كۆزدە تۇتۇپ مەزكۇر دىلودىكى ئەيىبلەنمىگۈچىگە بىر قېتىملىق خاتالىقىنى تونۇش پۇرسىتى بېرىش ئۈچۈن، قانۇننىڭ قاتتىق بولۇش بىلەن كەڭچىلىكنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ،ئۇنىڭ قىلمىشىنى بىر قەدەر يېنىك جىنايى جازا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قاراپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ177- ماددا 2- تارمىقى،‹‹خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى›› نىڭ 406- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قارارى بىلەن ئەيىبلەنمىگۈچى ئا**نى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە، مەھكىمىمىزگە يازما ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.
جىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىى
2020- يىل 12-ئاينىڭ 3– كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论