乌什县人民检察院
不起诉决定书
乌什检一部刑不诉〔2020〕29号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبلىمەسلىك (2020) 29-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئا x، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى كىملىك نومۇرى x، كاپالەتچىگە بېرىلىشتىن ئىلگىرى xشەھىرى xرايونى xxجەنۇبى يولىدا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئا xنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
ئەيىبلەنمىگۈچى ئا x 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 10:30 ئەتراپىدا، xيېزا x-كەنىت x-مەھەللە تەۋەسىدىكى كۆلنىڭ بويىدىكى قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان جايغا كەلگەندە، زىيانلانغۇچى يەنى ئاكىسى ق x كېلىپ، «سەن نېمە سەۋەپتىن توك تەمىنلەش ساندۇقى بىلەن ئېلىشىسەن، توك تەمىنلەش ساندۇقى مېنىڭ تۇرسا» دېگەندە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئا x «بۇ توك تەمىنلەش ساندۇقىنى ئەينە ۋاقىتتا مەن 1000 يۈەنگە سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەرگەن، بۇ توك تەمىنلەش ساندۇقى مېنىڭ» دەپ، ئىككىسى ئۆز-ئارا گەپ تالىشىپ قالغان ھەم ئۆزلىرى بىردەم تىللاشقاندىن كېيىن توختاپ نەق مەيداندىن ئايرىلغان. سائەت 11:30 ئەتراپىدا ئەيىبلەنمىگۈچى ئا xنىڭ بالىسى ئا xx كۆل بويىدىكى قۇرۇلۇش قىلغان جايغا كېلىپ، ق xغا تېلىفۇن قىلىپ، كۆل بويىغا كېلىشنى، توك تەمىنلەش ساندۇقىنى بېرىدىغانلىقىنى دېگەندە، ق x ئۇزاق ئۆتمەي يېتىپ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى توك تەمىنلەش ساندۇقىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى تالىشىپ جېدەللەشكەن، بۇ چاغدا ئا xx ئەيىبلەنمىگۈچى ئا xغا تېلىفۇن قىلىپ، ق x بىلەن جېدەل قىلىشقانلىقىنى دېگەن، شۇنىڭ بىلەن ئەيىبلەنمىگۈچى ئا x ئۇزاق ئۆتمەي نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن، بۇ چاغدا ئا xx دادىسىنى كۆرۈپ، ق xغا «بايا قىلغان نوچىلىقىڭنى ئەمدى قىلە» دەپ ئالدىغا كەلگەندە، ق x ئا xxنى ياقىسىدىن ئىتتىرىۋەتكەن، بۇ چاغدا ئەيىبلەنمىگۈچى ئا x «تارتە قولۇڭنى، گېپىڭ بولسا ماڭا قىل» دېگەندە، ق x قولىغا بىر تال تاشنى ئېلىۋېلىپ، «سەن بالدۇر كېلىپ قاپسەن، كېيىنرەك كەلگەن بولساڭ ماۋۇ شۇمنى ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم، ئاندىن ساڭا نۆۋەت كېلەتتى» دېگەن، بۇ چاغدا ئەيىبلەنمىگۈچى ئا x قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان بىر تال ياغاچ كالتەكنى ئېلىپ، كالتەك بىلەن ق xنىڭ قولىغا ئۇرۇپ، قولىدىكى تاشنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوڭ تىزىنىڭ ئاستى قىسمى ۋە سول تىزىنىڭ ئاستى قىسمىغا ياغاچ كالتەك بىلەن بىر قانچىنى ئۇرغاندا ياغاچ كالتەك سۇنۇپ كەتكەن، ق xمۇ يەرگە يىقىلىپ ئولتۇرۇپ قالغان، بۇ چاغدا ق x يەردىن بىر تال تاشنى ئېلىپ ئاتماقچى بولغاندا، ئا xx كېلىپ، يېنىدىكى ئەتىركە بىلەن ق xنىڭ دۈمبە قىسىمىغا بىرنى، قورساق قىسىمىغا ئىككىنى تىقىۋەتكەن، بۇ چاغدا ئەيىبلەنمىگۈچى ئا x «بولدى قىل» دەپ ئا xxنى تۇتۇۋالغان، ئا xx ئۇنىڭ قولىدىن ئاجرىۋېلىپ نەق مەيداندىن بىر دانە كالتەكنى ئېلىپ ق xنىڭ سول بىلىكىگە بىر قانچىنى ئۇرغاندا، كالتەك سۇنۇپ كەتكەن، بۇ چاغدا ئەيىبلەنمىگۈچى ئا x «ئەxx، دەرھال ئاxxنى تۇتۇۋال» دېگەن، شۇنىڭ بىلەن ئەxx ئا xxنى تۇتۇۋالغان بولسىمۇ بولدى قىلماي، يەردىن بىر تال تاشنى ئېلىپ ئۇرماقچى بولغاندا، ئا x بىلەن ئەxx ئۇنى تۇتۇۋالغان، بۇ چاغدا ئا x «بولدى قىل، ئەمدى ئۇرما» دەپ، 110 قۇماندانلىق مەركىزى، 120 جىددى قۇتقۇزۇشقا تېلىفۇن قىلىپ دېلو مەلۇم قىلغان.
ئىشتىن كېيىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئا x نەق مەيداندىكىلەرگە «ساقچىلار سوراپ قالسا، قورقۇپ كەتمەي، ق xنى ئاxx ئۇردى دەڭلار» دېگەن، تەھقىقلىگۈچىلەر نەق مەيداندا ئىشلەۋاتقان ئەx، ئابx، ئايxتىن دېلو ئېنىقلاش ئۈچۈن گەپ سورىغاندا، «ق xنى ئاxx ئۇردى، ئا x ق xنى ئۇرمىدى» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن دېلو تەھقىقلىگۈچى ئورگان ئاۋال ئا xxنىڭ ئۈستىدىن دېلو ئاچقان، كېيىن تەھقىقلەش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچى ئا xنىڭ ق xنى ئۇرۇپ، ئىككى پۇتىنىڭ زەخمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېنىقلىغان.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە زەخمە دەرىجىسى باھالاش پىكرىدە، باھالانغۇچى ق xنىڭ ئىككى تەرەپ يان پاقالچەك سۆڭىكى سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدىن سۇنۇپ كەتكەن ئەھۋالغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، 1-دەرىجىلىك يىنىك زەخمە دائىرىسىگە كىرىدۇ، دەپ بىكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتلار ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، دېلو پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. ئەيىبلەنمىگۈچى يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى ھەمدە مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئا xنىڭ باشقىلارنى ئۇرۇپ يىنىك دەرىجىدە زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلودىن كېيىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئا x زىيانلانغۇچىنىڭ داۋالىنىش چىقىمى، ئۇزۇقلۇق كۈتۈنۈش چىقىمى قاتارلىق چىقىمى ئۈچۈن 40 مىڭ يۈەن تۆلىگەن، ئىككى تەرەپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېلىشىۋالغان، زىيانلانغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئىككىسىنىڭ ئاكا-ئۇكا مۇناسىۋىتى بار بولۇپ يېقىن تۇققان ھېساپلىنىدۇ، بۇ دېلو «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 288-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دەۋالاشقۇچى كېلىشىۋالغان دېلو دائىرىسىگە كىرىدۇ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا ئەيىبلەنمىگۈچى ئا x جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇردى. يۇقىرىقى تەرەپنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 37-ماددسىغا ئاساسەن جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلىندى.
تەرەپلەر بۇ قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى ئەرز قىلسا بولىدۇ.
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论