شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ي ت ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 45-نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX، ئەر، ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65312519**********، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئۆي بىزەكچىسى، يەكەن ناھىيە ** بازىرى ** كەنتى **-مەھەللە **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، ئەيىپلەنمىگۈچى ۋە دىجۇرنى ئادوۋكاتىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX 2019–يىلى 9–ئاينىڭ 8–كۈنى سائەت 23 لەر ئەتراپىدا، يەكەن ناھىيە ** تاماقخانىسىدا، شاگىرتى ئاX، دوستى قX بىلەن تاماق يىگەچ، دوستى قX بىلەن 250 گىراملىق ئىلى لاۋجىياو ھارىقىدىن بىر بوتۇلكا ئىچىپ، 9-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 1دىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا تاماقخانىدىن چىقىپ، شاگىرتى ئاX، دوستى قX بىلەن ماشىنىغا چىقىپ پاراڭلىشىپ ماشىنىدا ئۇخلاپ قالغان، ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 4دىن 30مىنۇتلار ئەتراپىدا، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX مەس ھالەتتە نۇمۇر تاختىسى 新A***** بولغان ** رەڭلىك ** ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنى ھەيدەپ، ئاXنى يەكەن ناھىيە ** يىزا **-كەنىت **-مەھەللىدىكى ئۆيگە ئاپرىپ قويۇش ئۈچۈن، يەكەن ناھىيە ** تاماقخانىسى ئالدىدىن ماشىنىنى ھەيدەپ **-دۆلەت يولىغا چىقىپ ** ئاچالغا كەلگەندىن كىيىن، **-ناھىيە يولىنى بويلاپ ** يىزىسى تەرەپكە قاراپ مىڭىپ، ** يىزا **-كەنىت تەۋەلىكىدىكى ** تاشيولىنىڭ چىقىش ئىغىزىغا كەلگەندە شۇيەردە چازا قۇرۇپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى بايقىلىپ يەكەن ناھىيە قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتىگە دىلو مەلۇم قىلغان.
«شىنجاڭ جىنلۇ ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ [2019]****- نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا، «ئاXنىڭ قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 83.895 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنى ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسىنىڭ نەتىجىسىگە قايىل بولماي، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى يەكەن ناھىيە قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنى قايتا تەكشۈرۈشكە ئىلتىماس قىلىغان، يەكەن ناھىيە قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXدىن ئالغان قان ئەۋرىشكىسىنى «شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى» گە ئەدلىيەلىك باھالاپ بىرىشكە ھاۋالە قىلغان. «شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى» [2019]****-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا «ئاXنىڭ قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 81 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنى ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسىنىڭ نەتىجىسىگە قايىل بولغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛
1. يازما ئىسپات: ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، دىلو قوبۇل قىلىش جەدىۋىلى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىسپاتلىرى، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى، تۇتۇپ قىلىنغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىكى؛ 2. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى؛ 3. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛ 4. «شىنجاڭ جىنلۇ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) ****-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى، «شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) ****-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛ 5. نەق مەيدان رەسىملىرى.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXنىڭ ھاراق ئىچىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ. قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXنىڭ قىلمىشى يېنىك، ئىغىر زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئاX ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى.
ئەيىبلەنمىگۈچى ئەگەر بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020- يىلى 6-ئاينىڭ 22- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论