شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ي ت ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 46-نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX، ئەر، ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى 65312519**********، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دىھقان، يەكەن ناھىيە ** يىزىسى ** كەنتى **-مەھەللە **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، ئەيىپلەنمىگۈچى ۋە دىجۇرنى ئادوۋكاتىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX 2019–يىلى 9–ئاينىڭ 8–كۈنى سائەت 19لەر ئەتراپىدا، يەكەن ناھىيە ** يىزىلىق سۇ پونكىتىنىڭ قارشى تەرپىدىكى سوغۇق ئىچىملىكلەر دۇكىنىدا تX، نX قاتارلىقلار بىلەن بىللە 700گىراملىق 1920ماركىلىق ئاق ھاراقتىن بىر بوتۇلكا ئىچىپ، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 22لەر ئەتراپىدا سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىدىن چىقىپ، يەكەن ناھىيە ** يىزىسى ** كەنتى 4-مەھەللدىكى ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن، يەكەن ناھىيە ** يىزىلىق سۇ پونكىتىنىڭ قارشى تەرپىدىكى سوغۇق ئىچىملىكلەر دۇكىنىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان تاختا نۇمۇرى 新Q***** بولغان ** رەڭلىك ** ماركىلىق ماشىنىسىنى ھەيدەپ، **-ناھىيە يولى 7 كىلومىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى بايقىلىپ، يەكەن ناھىيە قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە دىلو مەلۇم قىلىنغان. يەكەن ناھىيە قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ساقچىلىرى نەخ مەيدانغا كىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ئاXنىڭ بەدىنىدىن كۈچلۈك ھاراق پۇرىغانلىقىنى بايقاپ، نەخ مەيداننى بىرتەرەپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXنى يەكەن ناھىيە تەڭرى بۇلاق دوختۇرخانىسىغا ئىلىپ بىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
«شىنجاڭ جىنلۇ ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ [2019]****- نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا «ئاXنىڭ قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 81.29 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنى ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسىنىڭ نەتىجىسىگە قايىل بولماي، 2019-يىلى10-ئاينىڭ 2-كۈنى يەكەن ناھىيە قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنى قايتا تەكشۈرۈشكە ئىلتىماس قىلىغان، يەكەن ناھىيە قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXدىن ئالغان قان ئەۋرىشكىسىنى «شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى» گە ئەدلىيەلىك باھالاپ بىرىشكە ھاۋالە قىلغان. «شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى» [2019]****- نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا «ئاXنىڭ قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 86 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنى ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسىنىڭ نەتىجىسىگە قايىل بولغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛
1. يازما ئىسپات: ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، دىلو قوبۇل قىلىش جەدىۋىلى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىسپاتلىرى، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى، تۇتۇپ قىلىنغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىكى، قايتا باھالىتىپ بىرىش ئىلتىماسى؛ 2. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى؛ 3. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛ 4. «شىنجاڭ جىنلۇ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) ****-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ، «شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) ****-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛ 5. نەق مەيدان رەسىملىرى.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXنىڭ ھاراق ئىچىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ. قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXنىڭ قىلمىشى يېنىك، ئىغىر زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئاXنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى.
ئەيىبلەنمىگۈچى ئەگەر بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020- يىلى 6-ئاينىڭ 22- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论