乌什县人民检察院
不起诉决定书
乌什检一部刑不诉〔2020〕31号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئۇ ت جىنايى ئىشلار ئەيىبلىمەسلىك (2020) 31-نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئە x، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى x، ئۇچتۇرپان ناھىيە xبازىرى xئولتۇراق رايۇنى x-بىنا x-كورپۇستا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئۇچتۇرپان ناھىيە x چەكلىك شىركىتىنىڭ توختاملىق ئىشچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئە xنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
ئەيىبلەنمىگۈچى ئە x 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە xبازىرى x-رايۇندىكى مەلۇم خوگوخانىدا تx، ئەxx بىلەن پىۋا ئىچكەندىن كىيىن، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر سائەت 00:03 ئەتراپىدا x-رايۇن ئاھالىلار كومتىتىنىڭ يان تەرىپىدىكى ماشىنا توختىىتىش ئورنىغا توختىىتپ قويغان 新xنۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ئورنىدىن قوزغاپ يان تەرەپتىكى بوش ئورۇنغا توختىتىپ تۇرىشىغا شۇ ئەتراپتا چارلاپ كېتىۋاتقان ساقچلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
ئەدلىيەلىك باھالاش پىكرىدە، ئە xنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 81.62 مىللىگىرام دەپ بىكىتكەن.
دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ئەيىبلەنمىگۈچى يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپات راست ھەم تولۇق.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئە xنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن، ماشىنا ھەيدەش پىراۋىسى بار، ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىدا ماشىنىنى قىسقا ئارىلىققا ھەيدىگەن، جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشى كۆرۈنەرلىك يىنىك، ئاقىۋىتى ئېغىر ئەمەس، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 37-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلىندى.
قارارنامىنى تاپشۇرۇۋالغان تەرەپ قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى ئەرز قىلسا بولىدۇ.
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论