欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(认罪认罚案件适用)(肖某某·依力哈尔)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

机密★1年

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ي  ت  ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020)  38 -نۇمۇرلۇق  

ئەيىبلەنمىگۈچى شەXX، ئەر، **19–يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: **6530، ئۇيغۇر، تولۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، **** شەھىرى ** يولى **-قورو ** ئولتۇراق رايونى **-قارار **-بىنا **-كۇرپۇس **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ***ۋىلايەتلىك **** ، ئىلگىرى سوتلۇق بولمغان، خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن. 

بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى شەXXنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن  ئەيىبلەنمىگۈچگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.

 تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:

ئەيىبلەنمىگۈچى شەXX 2019-يىلى 9- ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 01:00 لەر ئەتراپىدا، ***** ئىچىدىكى ياتىقىدا جاXX، شۈXX قاتارلىق ئىككى ئاغنىسى بىلەن «ئىلى لاۋجاۋ» ماركىلىق كىچىك بوتۇلكىلىق ئاق ھاراقتىن ئىككى بوتۇلكا ئىچكەن، ھاراقنى ئىچىپ بولغاندىن كىيىن ،2019 – يىلى 9– ئاينىڭ 30– كۈنى سائەت 05دىن 00 مىنۇت ئەتراپىدا ئارام ئېلىپ، 2019– يىلى 9– ئاينىڭ 30– كۈنى سائەت 23دىن 00 مىنۇت ئەتراپىدا، تاماق يېيىش ئۈچۈن يەكەن ناھىيەلىك ****  ئالدىغا توختىپ قويغان، P**** 新 نۇمۇرلۇق كۈل رەڭ XXماشىنىنى ھەيدەپ، ** يولى ****يول بۆلىكىگە كەلگەندە، 2019– يىلى 9– ئاينىڭ 30– كۈنى سائەت 23 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى ئىلىپ بېرىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرپىدىن بايقىلپ تۇتۇلغان. 

شىنجاڭ «جىنلۇ» ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزنىڭ {2019} ****- نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا « شەXXنىڭ قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 107.4 مىللىگىرام » دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچى شەXX بۇ قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قايىل بولغان.

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛

1. يازما ئىسپات : ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىسپاتلىرى، قان ئەۋرىشكىسى ئىلىش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى ؛

2. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

3.گۇۋھىچنىڭ گۇۋاھلىق ئىسپاتى؛

4. «شىنجاڭ جىنلۇ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) ****- نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛

5. نەق مەيدان خاترىىسى ۋە رەسىملىرى. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى شەXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133 – ماددا 1 – مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ. قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى شەXXنىڭ قىلمىشى يىنىك، زىيانلىق ئاقىۋىتى ئىغىر ئەمەس، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 3 - تارماق، 133 - مادداىسىنىڭ 1 - مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177– ماددا 2 - تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شەXXنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى. 

ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

 

يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى

2020- يىلى 6- ئاينىڭ 17- كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top