莎车县人民检察院
不起诉决定书
莎车县院一部刑不诉〔2020〕30号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ي ت ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 30- نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئەx، ئەر، ئۇيغۇر، x–يىلى x- ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:65312519xx ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، xx ئىدارىسىنىڭ توختاملىق ئىشچىسى ، يەكەن ناھىيە x ئىجدىمائى رايۇنىx- مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن يەكەن ناھيىلىك قاماقخانىدا جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلغان، 2019- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى مەھكىممزنىڭ قولغا ئالماسلىق قارارنامىسىگە ئاساسەن، 2019- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxنى ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق، دىلونى بىر قىتىم قوشۇمچە تەھققلەشكە قايتۇردۇق، بىر قىتىم دىلو بىجىرىش سۇرىكىنى ئۇزارتتۇق.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:
جاۋابكار رxx (ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلنغان) 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى زىيانلانغۇچى قەxxكە « مىنىڭ تۆۋەن ئىجارلىك ئۆي تارقىتىدىغان ئورۇندا ئىشلەيدىغان تونۇشۇم بار، سىزگە تۆۋەن ئىجارلىك ئۆي ھەل قىلىپ بىرمەن» دەپ زىيانلانغۇچى قxxتىن 7000 يۇەن پۇل ئلغاندىن كىيىن، 2000 يۇەن پۇلنى ئۆزى ئىشلەتكەن، 3000 يۇەن پۇلنى ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxxغا ئۆزىگە ياردەم قىلىپ يەكەن ناھيىسى ئىچىدىن تۆۋەن ئىجارلىك ئۆي ھەل قىلپ بىرىشى ئۇچۇن بەرگەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىينى ئەيىپلەنمىگۇچى ئەxxتەرپىدىن ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛
1. يازما ئىسپات : ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، 2. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛3. زىيانلانغۇچىلارنڭ زىيانلىنىش بايانى ؛4. نەق مەيدان خەرىتىسى، نەق مەيدان رەسىملىرى 5. پۇل تاپشۇرۋىلىش ھۆججىتى6. خەلىق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئۆي ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxxنىڭ قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 266- ماددىسىغا چېقىلىدۇ. قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxنىڭ قىلمىشى يېنىك، زىيانلانغۇچىنىڭ زىيننى ئەسلىگە كەلتۇرگەن، زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەxنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى.
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى
2020 -يىلى 5- ئاينىڭ 14- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论