欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(认罪认罚案件适用)(得里努尔·朱某巴尔斯汗)(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

机密★1年

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۇنەس ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ  ئەيىبلىمەسلىك  قارارى 

新源检一部刑不诉〔2021〕4号 

    ئەيىبلەنمىگۇچى دىXX، ئايال، ئۇيغۇر، 19XX- يىلىXX – ئاينىڭXX- كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 65412519XX ، تولۇق ئورتا مەكتەپ  مەلۇماتلىق ، نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ XX ناھىيە XX بازارلىق XX كەنتXX-گۇرىپپا XX-كوچا XX-نومۇر،كەسپى:دىھقان، 2020 -يىلى  11- ئاينىڭ 26-كۇنى كۇنەس ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن يالغان كىملىك ئىشلىتىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن كىپىلگە بىرىلىلگەن.ھازىر كىپىلدە.

كۇنەس ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 06-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۇچى دىXX بىلەن پاXXنى يالغان كىملىك ئىشلىتىش جىنايىتى بىلەن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىبلىگەن، مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن بارلىق دېلو ماتېرىياللىرى كۆرۈپ چىقىلدى.  ئەيىبلەنمىگۇچىگە ئاقلغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقنىڭ بارلىقنى ئۇختۇرۇش بىلەن بىرگە جىنايتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنلۇق  نەتىجىسىنى ئۇقتۇرۇپ، ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرى ئاڭلاندى، دېلوغا مۇناسۋەتلىك بولغان دەلىل ئىسپاتلارنى تولۇق تەكشۇرۇش ئارقىلىق  دىلونى  ئاخىرلاشتۇردۇق  .

قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئىنىقلىشىمىزچە:

ئەيىبلەنمىگۇچى دىXX بىلەن پاXX 2006- يىلى XX ناھيىلىك XX-ئوتتۇرا مەكتەپتە 3 يىللىق تولۇق ئورتا مەكتەپنى بىرگە ئوقىغان ساۋاقداش. بۇلار 2006-يىلى 7-ئايدا  ئالى مەكتەپكە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ،دXXغا شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالى تېخنىكومى دورىگەرلىك كەسپىگە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرىشى كەلگەن،2006-يىلى 8-ئايدا، پاXXنىڭ يىزنىسى ئەXXغا دىXX بىلەن پاXXنىڭ سىنىپ مەسئۇلى سىXX ئۇچىراپ قىلىپ، ئەXX قىينى سىڭلىسى پاXXنىڭ ئالى مەكتەپكە ئوتەلمىگەنلىكىنى ئىيتقان،بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان سىXX مۇئەلىم ئەXXغا ئۆزىنىڭ سىنىپىدىكى دىXX ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالى تېخنىكومى دورىگەرلىك كەسپىگە قوبۇل قىلىنغانلىقى، بىراق ئائىلە ئىقتىسادى يار بەرمىگەنلىكتىن يۇقۇرلاپ ئوقۇيالمايدىغانلىقى ئىيتقان. ئەXX دىXXنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى كورۇپ بىقىشنى تەلەپ قىلىپ XX- ئورتا مەكتەپكە بىرىپ كورگەندىن كىيىن،ئەXX پاXX بىلەن پاXXنىڭ ئاكىسى ھاXXغا،پاXXنى دىXXنىڭ نامىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالى تېخنىكومى مەكتىۋىدە ئوقۇتۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان،بۇنىڭغا پاXX ماقۇل بولغان،2006-يىلى 8-ئايدا ئەXX، سىXX مۇئەلىم بىلەن بىرگە XXقا دىXXنىڭ ئۇيىگە بىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ  كىلىشتىكى مەقسىتىنى يوXXغا ئىيتقان. يوXX بۇنىڭغا بالام دىXX ئۆزى قارار چىقارسۇن دىگەن.دىXX مەن يۇقۇرلاپ  ئوقىيالمىغاندىن كىيىن، ساۋاقدىشىم بولسىمۇ ئوقۇسۇن دەپ، ئۆزىنىڭ ئالى مەكتەپ چاقىرىق قەغىزنى پاXXنىڭ يىزنىسى ئەXXغا بەرگەن.ئەXX چاقىرىق قەغەزنى ئېلىپ، پاXXنى خوتەندىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالى تېخنىكومى مەكتىۋىگە دىXXنىڭ نامىدا تىزىمگە ئالدۇرغان.ھەم ئوقۇش خىراجىتى ئۇچۇن 5200يۇئەن تاپشۇرغان.2006-يىلى 11-ئايدا پاXX مەكتەپكە دىXX نامىدىكى كىملىك كىرەك بولغانلىغىنى ئەXXغا دىگەن.ئەXX قىينى ئاپىسى ھۆXX،ھاXX ئۇچى ناراتقا بىرىپ يوXXدىن دىXXنىڭ ناپوسىنى بەرسەڭلار،پاXX دىXX نامىدا كىملىك پۇتۇرۇپ ئالغان بولسا دېگەن،دىXX ھازىر بارلىق ئىش ناپوس بىلەن بۇتىۋاتقان تۇرسا، مەن ناپوسىمنى بىرۋەتسەم ئۆزەم قانداق قىلىمەن دىگەن.ئەXX، ھوXX،ھاXXلار دىXXغا سىز ناپوستىن ئەنسىرمەڭ بىز سىزگە ناپوس پۇتۇرىپ بىرىمىز  دىگەندىن كىيىن ، يوXX  دىXXنىڭ ناپوس بىتىنى چىقىرىپ بەرگەن،پاXX خوتەندە تۇرىپ كىملىك ئۇچۇن سۇرئەتكە چۇشۇپ، ئۇنى دىسكىغا قاچىلاپ خوتەندىن كۇXXكە ئەۋەتكەن.2006-يىلى 11- ئاينىڭ 24-كۇنى ھاXX دىXXنىڭ ناپوسى ۋە پاXXنىڭ سۇرئىتى قاچىلانغان دىسكىنى ئىلىپ، XX ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى XX ساقچىخانىسى ناپوس بۆلىمىگە بىرىپ، پاXXگە دىXX يوXX نامىدا بىرىنچى قىتىم كىملىك بىجىرگەن. 2007-يىلى 2- ئايلاردا شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالى تېخنىكومى مەكتىپنىڭ تەلىۋى بويچە ئوقۇغۇچىلار ناپوسىنى مەكتەپكە يوتكەپ قوندىرىشقا توغرا كەلگەنلىكتىن قىشلىق تەتىلدە پاXX بىلەن ھاXX ، دىXXنىڭ ناپوسىنى XX ساقچىخانىسى ناپوس بۆلىمدىن سۆكۇپ ئىلىپ، مەكتەپكە يوتكەپ كەتكەن سەۋەپلىك دىXX ناپوسسىز قالغان.دىXX غا ناپوس پۇتۇرۇپ بىرىش ئۇچۇن ھۆXX بىلەن پاXX، XX يىزا XX كەنتكە بىرىپ، ھۆXX پاXXنى مىنىڭ بىقىپ ئالغان جىيەن قىزىم دىXX بولىدۇ،بۇنى مەن كىچىگىدىن بىقىپ چوڭ قىلدىم، ھازىر يۇقۇرى مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىشكە ناپوسى يوق،شۇڭلاشقا ناپوس پۇتۇرىپ بەرسەڭلار دەپ ئېلتىماس قىلغان،كەنت مەسئۇلى ئالدى بىلەن مەكتەپتىن دىXXنىڭ ناپوسسىز ئىكەنلىگى توغىرسىدا ئىسپات ئەكىلىشنى ئىيتقاندىن كىيىن،پاXX مەكتەپتىن ئوزىنىڭ ناپوسسىز ئىكەنلىكى توغىرسىدىكى ئسپات ئالغان، كەنت كومىيتىتى بۇ تونۇشتۇرۇشنى كورگەندىن كىيىن  2007-يىلى 2- ئاينىڭ 11-كۇنى دىXXنىڭ ناپوسسىز ئىكەنلىكى توغىرسىدا ئسپات چىقىرپ بەرگەن. ھاXX 2007-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۇنى دىXXغا XX ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى XX يىزىلىق ساقچىخانە ناپوس بولىمىدىن دىXX نامىدا ناپوس بىجىرىپ بەرگەن،ھەم شۇ كۇنى دىXX دXX نامىدا ناپوسقا 1-ئەۋلات كىملىككە سۇرئەتكە چۇشكەن. 2018-يىلى دېلو پاش بولغىچە ئەيىبلەنمىگۇچى دىXX دXX سالاھىيتى بىلەن توي خىتى، ئىجتىمائى سۇغۇرتا كارتىسى، كەسپى سالاھىيەت كىنىشكىسى قاتارلىق گۋانامىلەرنى بىجىرگەن.

  ئەيىبلەنمىگۇچى بۇ دېلودىكى پاكىتلارنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جىنايى ھەرىكىتىنى تونۇپ، جىنايى جازا بېرىشنى قوبۇل قىلدى.

يۇقۇرقى پاكىتلارنى بىكىتىشتىكى دەلىل- ئىسپاتلار:

1. ماددى ئىسپات؛

1.​ يازما ئىسپات؛

2.​ گۇۋاچىلارنىڭ گۋاھلىق سوزلىرى؛

3.​ ئەيىبلەنمىگۇچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4.​ ئىنىقلاش تەكشۇرۇش ماتىرياللىرى؛

يۇقىرىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كېلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئېنىق بولۇپ،   پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. ئەيىبلەنمىگۇچى بۇ دېلودىكى جىنايەت پاكىتلىرىنى تولۇق ئىقرار قىلىپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

  مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ:

ئەيىبلەنمىگۇچى دىXX نىڭ يۇقارقى ھەركىتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 280-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،« يالغان كىملىك ئىشلىتىش جىنايىتى»، شەكىلىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست.بىراق ئەيىبلەنمىگۇچى چاقىرتىپ سۇراق قىلغاندا،بارلىق ئەھۋاللارنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 67-ماددا 3- تارماق،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ-15تارماق بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇپ يىنىك جازا بىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن. شۇڭلاشقا ئەيىبلەنمىگۇچى دىXXغا «جوڭخۋا خەلق جۇمھىريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقاردۇق.

            كۇنەس ناھيىلىك حەلق تەپتىش  مەھكىمىسى

                           

                                       

        2021- يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۇنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top