欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(认罪认罚案件适用)(帕某某·麦麦提尼牙则)(公开版)_莎车县人民检察院

2021-09-20 尘埃 评论0

机密★1年

莎车县人民检察院 

不起诉决定书

莎车县院一部刑不诉〔2020〕29号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

 ي  ت  ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020)29  - نۇمۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى پاx، ئايال، ئۇيغۇر، x–يىلى x- ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:xxxx 65312 ،  تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە  ئىگە، كەسپى ئىشلەمچى ، يەكەن ناھىيە xبازىرىxx- كەنىت x- مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، ئوغىرلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن يەكەن ناھيىلىك قاماقخانىدا جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلغان، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 8- كۈنى مەھكىممزنىڭ قولغا ئالماسلىق قارارنامىسىگە ئاساسەن، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 9- كۈنى  بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.

بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى پاxنى ئوغىرلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن  ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.

 تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:

ئەيىبلەنمىگۈچى پاx 2019-يىل 11-ئاينىڭ 29-كۇنى 09 لار بىلەن ئۆزى بالىلىرىنى بىقىپ بىرۋاتقان زىيانلانغۇچى ئاxنىڭ ماشىنىسىدىن زىيانلانغۇچى ئاxنىڭ 2193 يۇەن قىممىتىدىكى ئالما 7- ئەۋلاد تىلفۇننى ئوغىرلاپ، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 2- كۈنى ئوغۇل دوستى ئاxغا ئوغرلانغان تىلفۇن ئىكەنلىكىنى ئىيتماي ئىشلىتىشىگە بەرگەن، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى ئاx يۇقارقى تىلفۇننى ياxكە 400 يۇەنگە سىتىۋەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى ئاxنىڭ زىينى  ئەيىپلەنمىگۇچى پاx تەرپىدىن ئەسلىگە كەلگەن، زاڭ مال سىتىۋالغۇچى ياxنىڭ زىيىنى ئاx تەرپىدىن ئەسلىگە كەلگەن. 

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛

1. يازما ئىسپات : ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، 2.ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛3. يەكەن ناھيىلىك مال باھالاش ئىدارىسىنىڭ (2019)xx-نۇمۇرلۇق مال باھالاشنامىسى ؛4. نەق مەيدان خەرىتىسى، نەق مەيدان رەسىملىرى ؛ 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى پاxنىڭ قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264- ماددىسىغا چېقىلىدۇ. قىلمىشىدىن ئوغىرلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى پاxنىڭ قىلمىشى يېنىك، زىيانلانغۇچىنىڭ زىيننى ئەسلىگە كەلتۇرگەن، زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن پاxنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى. 

يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى

            2020 -يىلى 5- ئاينىڭ 14- كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top