莎车县人民检察院
不起诉决定书
莎车县院二部刑不诉〔2020〕36号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ي ت ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 36 - نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى نx، ئەر، ئۇيغۇر، xx–يىلى x- ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 653125xxxx ، ئوتتۇرا تىخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى تىجارەتچى، يەكەن ناھىيە x جەنۇبىي يولى شەرقىيxx-كوچا xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019-يىلى 08-ئاينىڭ 29-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى نxxنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:
ئەيىبلەنمىگۈچى نxx 2019-يىل 07-ئاينىڭ 31-كۇنى 22دىن 30 مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپىدا، مەسىت ھالەتتە 新Qxxنومۇرلۇق x رەڭلىك xxماركىلىق كىچىك ماشىنىىنى يەكەن ناھىيە xx يولى «xx» رېستۇرانى ئالدىدىن ھەيدەپ مىڭىپ، يەكەن ناھىيە xx سودا ساريىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى بايقالغان.
«شىنجاڭ xx ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ {2019}-xx-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، نىxxنىڭ قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى ھەر 100 مىللىلىتىردا 107.4 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارى بايقالغان دەپ بىكىتىلگەن. ئەيىبلەنمىگۈچى نxx قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قايىل بولغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛
1. يازما ئىسپات : ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، يەكەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى شوپۇرلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش تالونى، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى تالونى، تۇتۇپ قېلىنغان بۇيۇملار تىزىملىكى، ئالاقىدارلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش تىزىملاش جەدۋىلى ۋە سۈرىتى، ئالاقىدارلارنىڭ سالاھىيەت ماتېرىيالى، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى؛ 2.ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛3. «شىنجاڭ xx ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) xx-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ؛4. يول قاتناش ھادىسىسى نەق مەيداننى تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيدان خەرىتىسى، نەق مەيدان رەسىملىرى ؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى نxxنىڭ ھاراق ئىچىپ، مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ. قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى نxxنىڭ قىلمىشى يېنىك، زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن نxxنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى.
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى
2020 -يىلى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论