欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(认罪认罚案件适用)(买某某涉嫌盗窃案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-24 尘埃 评论0

机密★1年

乌什县人民检察院 

不起诉决定书

乌什检一部刑不诉〔2020〕XX号 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ                                   ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى 

ئۇ ن ت ئەيىپلىمەسلىك (2020)XX–نومۇرلۇق 

ئەيىپلەنمىگۈچى مXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX–يىلى XX–ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:XXXX، XX ناھىيە XX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىپلەنمىگۈچى مXXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشى ئۈچۈن يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىپلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردى ھەمدە ئەيىپلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى ئەستايدىل ئاڭلىدى. دېلو بىجىرىش سۈرۈكى 15 كۈن ئۇزارتىلدى. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

ئەيىپلەنمىگۈچى مXX 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى XX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى ئاXXنىڭ ئۆيىگە كىرىپ گۈرۈچ ئوغرىلاشنى پىلانلاپ، ئاXXنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئاXXنىڭ ئۇخلاپ قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئاشلىق قويغان ئۆيىدىن 25 كىلوگىراملىق بىر خالتا گۈرۈچنى ئوغرىلاپ چىقىپ 50 مېتىرلارچە يىراقلىققا بارغاندا، زىيانلانغۇچى ئاXX تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك باھادا ئىسپات بېرىش مەركىزىنىڭ (2020)16-نومۇرلۇق باھالاشنامىسىدا «ئەيىپلەنمىگۈچى مXX ئوغرىلىغان بىر خالتا گۈرۈچنىڭ ئومومىي قىممىتىنى 140يۈەن»دەپ باھالاش يەكۈنى چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىپلەنمىگۈچى مXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ مال-مۈلىكىنى يوشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسىدىكى ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. بۇ ھەقتە پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق ھەم راست، ئەمما ئەيىپلەنمىگۈچى تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايەت سادىر قىلغاندىن كېيىن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيسى ياخشى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىشقا بولىدۇ، قىلمىشى يىنىك، قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇڭا ئەيىبلەنمىگۈچىنى «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلدى.

مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىغان تەرەپ قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ. بىۋاستە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top