شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارى
ق ت ب ب ج ئەيىبلىمەسلىك[2020] 1-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى يونامەلۇم ، ئەر، ئۇيغۇر، 1990-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى قاراشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6528261990xxxxxxxx، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: قاراشەھەر ناھىيە xx يولى xx-نۇمۇرلۇق ھويلا xx-نۇمۇرلۇق بىناxx-كۇرپۇس xx-نۇمۇرلۇق ئۆي. ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: قاراشەھەر ناھىيىسى xx بازىرى xx xx-ئولتۇراق رايونى xx-بىنا xx-كورپۇس xx-نۇمۇر. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى قاراشەھەر ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەشكە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئەيىبلەنمىگۈچى يونامەلۇم خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە قاراشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 04-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاش ھوقۇقىنىڭ بارلىغى ئۇقتۇرۇلدى. ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:2019-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 3:59 لەر ئۆتكەندە، ئەيىبلەنمىگۈچى يونامەلۇم ھاراق ئىچىپ 1 C تىپلىق پىراۋىسىنى ئېلىپ*** 新M-06 نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىسىنى ھەيدەپ قاراشەھەر ناھىيە ئازادلىق يولى بىلەن تىنچلىق يولى كېسىشمە يول ئېغىزى بۆلىكىدە ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان. شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاش يەكۈنىدە ئەيىبلەنمىگۈچى يونامەلۇمنىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدە 97مىللىگىرام ئىسپىرت ماددىسى بار دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى، يازما ئىسپات، باھالاش پىكرى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. بېكىتشكە بولىدۇ.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: ئەيىبلەنمىگۈچى يونامەلۇم قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ھاراق ئىچىپ قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسى 1-تارماقچىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار تۇلۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىبلەنمىگۈچى يونامەلۇم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلدى. قىلمىشى كۆرۈنەرلىك يېنىك، جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى بولۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 37- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈرىيىتى يوق. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارماقچسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن نىسپىي ئەيىبلىمەسلىك قارارى قىلىندى.
ئەگەر مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرزى بەرسە بولىدۇ.
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020- يىلى 04- ئاينىڭ 28-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论