شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ت ت ج ئەيىبلىمەسلىك (2020)26– نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۈچى ئە**، ئايال ، ئۇيغۇر، **ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0284******** 165410، ئوتتورا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، غۇلجا شەھىرىدىن، يەسلى ئوقۇتقۇچىسى، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن غۇلجا شەھەر ** بازار** كەنىت **-گۇرۇپپا ***-نومۇر، ھازىرقى ئولتۇرىقى ئاقسۇ شەھەر ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كۇرپۇس ***-نومۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.
ئە**نىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3- كۈنى (2020)102-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى ، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدى ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرنى تەكشۈردى. مەھكىممىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى ئېنىقلىدى.
ئە**2020-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۆزىنىڭ (***1327999 نومۇرلۇق سۆزلىشىش كارتىسىغا ئېچىپ ئىشلىتىۋاتقان ئۈندىدار نومۇرى: Bilal5208999) ئۈندىدارىنىڭ دوسىتلار چەمبىرىكىگە ماسكا سېتىش توغرىسىدىكى رەسىم ۋە قىسقا ۋىدىئولارنى چىقارغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، زىيانلانغۇچى بۇ** ماسكا سېتىۋېلىش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ (***1589460 نومۇرلۇق سۆزلىشىش كارتىسىغا ئاچقان ئۈندىدار نومېرى: aziza0708) ئۈندىدارى ئارقىلىق ئە** بىلەن پاراڭلىشىپ 8000 تال ماسكىنىڭ ھەر بىر تېلىنى يەتتە مودىن دىيىشىپ 5600يۈەنگە سېتىۋالماقچى بولغان، ھەمدە بۇ سەككىز مىڭ تال ماسكىنىڭ پۇلىنى جەمئي تۆت قېتىمغا بۆلۈپ (بىرىنچى قېتىمدا 1050 يۈەن، ئىككىنچى قېتىمدا 350 يۈەن، ئۈچىنچى قېتىمدا 350 يۈەن، تۆتىنچى قېتىمدا 3850 يۈەن بولۇپ) ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق، ئە**نىڭ ئۈندىدارىغا ھېسابات يۆتكەش شەكلى ئارقىلىق ئېتىپ بەرگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادېرىسى، تېلېفون نومېرىنى ئە**غا ئۈندىدار ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن، ئە** 5600 يۈەن پۇلنى ئۈندىدار ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن بۇ**غا دېيىشكىنى بويىچە 8000 تال ماسكىنى ئەۋەتىپ بەرمەي، بۇ**نىڭ ئۈندىدارى ۋە تېلېفون نومېرىنى قارا تىزىملىككە تىقىۋەتكەن. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:38 ئۆتكەندە، بۇ**نىڭ ئۈندىدارنى قارا تىزىملىكتىن چىقىرىپ 1750 يۈەن پۇلنى ئۈندىدارىغا ھېسابات يەتكۈزۈش شەكلىدە قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن بۇ**نىڭ ئۈندىدارنى يۇيۇپ چىقىرىۋەتكەن، قالغان 3850 يۈەن پۇلنى قايتۇرمىغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن ماددى ئىسپات ، يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، ئۈن-سىن ماتىريالى، ئەخلىمە مەمەتئېلىنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ .
مەھكىممىز ئە**نىڭ ماسكا سېتىپ بىرىش نامى بىلەن باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەككىللىندۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددا، 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، ئەمما ئە**نىڭ قىلمىشى كۈرۈنەرلىك يىنىك، تۇنجى قېتىم دىلو سادىر قىلغان، قىلمىشىغا ھەقىقى توۋا قىلىپ جىنايىتىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار، دىلو قۇبۇل قىلىنىپ، دىلو مەھكىمىمىزگە ئەيىپلەنگىچە بولغان ئارلىقتا زىياننى تۇلۇق تۆلەپ قايتۇرغان، شوڭا «ئالي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالدامچىلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 3-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئە**نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلىدى.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەكرار تەستىقىغا سۇنسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچىنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
ئەيىبلەنمىگۈچى ئە** مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
توقسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论