欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(艾某某涉嫌盗窃案)

2021-09-22 尘埃 评论0

机密★1年

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ئى ر ت ئەيىبلىمەسلىك (2020) 10 -نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX ، ئەر، ئۇيغۇر،**19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2816******652101، ئىدىقۇت رايونى **** يېزا **** كەنت 2-گۇرۇپپا 69-قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان. ئىلگىرى جازالانمىغان. ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى دەپ قارىلىپ 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار سۈپىتىدە توختىتىپ قويۇلۇپ، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن كىپىللىككە بېرىلگەن، 2019- يىلى 12- ئايىنىڭ 29- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن كېپىلككە بېرىلىگەن، ھازىر جەمئىيەتتە.

ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسزلىكى ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX نىڭ ئوغرىلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلىپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىپ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسىگە دائىر ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلەرنى، بەلگىلمىلەرنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانون بويىچە سوراق قىلىپ، ئەيىبلەنمىگۈچى بىلەن دىجۈرنى ئادۋۇكاتىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلو پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېنىقلىدۇق. ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇردۇق.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن جىنايى پاكىت تۈۋەندىكىچە:

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەيىپلەنمىگۈچى ئەXX ئۆيدىكىلەر بىلەن جىدەللىشىپ قىلىپ، زىيانلانغۇچى ئاXX نىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر نەچچە كۈن تۇرۇش جەريانىدا، زىيانلانغۇچى ئا XX نىڭ پوچتا كارتىسىنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى،ئۈندىدار مەخپى نۇمۇرىنى قاتارلىقلارنى بىلىۋېلىپ ئا XX بانكا كارتىسىنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارغا باغلىۋېلىپ ئا XX نىڭ بانكا كارتىسىنىڭ ئىچىدىن 9000يۈەن پۇلنى ئوغۇرلاپ ئېلۋالغان، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن .

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ۋە دىلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرىتى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX نىڭ قىلمىشىدىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› 264- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راسىت. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرغان. زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، زىيانلانغۇچىنىڭ ئەپۇسىغا ئېرشكەن، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ جىنايى قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جىنايىتىنى ئېتراپ قىلىدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تۆۋىنامە ئىمزالىغان. شۇڭا، ئەيىبلەنمىگۈچىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› نىڭ 177-ماددىسى 2-تارمىقىغا ئاساسەن، قىلمىشى يېنىك، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان دەپ قاراپ، نىسپىي ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقاردۇق.

ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ.

زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئىلتىماس ئەرز قىلماي، ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top