توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
تۇقسۇ تەپتىش جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلىمەسلىك (2020) – نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۇچى ئې**، ئەر، ئۇيغۇر، **ياش **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان) كىملىك نۇمۇرى: 0070**652925، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرسى ۋە ئۇلتۇرغى:**ناھىيە ** بازار ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كۇرپۇس **-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
زىيانلانغۇچى ق** ، ئەر ، ئويغۇر ، ** ياش **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان) كىملىك نۇمىرى: 2094**652925، ** ناھىيە ** يېزا** كەنىت**-گۇرۇپ **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ھادىسدە قازا قىلغۇچى.
بۇ دېلونى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىپلەنمىگۇچى ئې**نى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى (2020) 126-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
ئې** 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 23:40 ئەتىراپىدا، 新N33691 نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى يۈك ماشىنىسىنى پىراۋىلىق ھەيدەپ، دۆلەت يولى 314-لىنيەنى بويلاپ بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ يول يۈرۈپ، دۆلەت يولى 314-لىنيە 789-كىلومىتىر 200 مىتىرلىق ئورۇنغا كەلگەندە، يولدىن توغىرسىغا پىيادە كېسىپ ئۆتۈۋاتقان ق** بىلەن سوقۇلۇپ، ق**يارلانغان، قاتناش ۋاستىسىدە ئىقتىسادى زىيان كۈرۈلگەن قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن، ق**دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا قازا قىلغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019] 3926-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا: 1› 新N33691 نۇمۇرلۇق ماشىنا بىلەن ئادەمنىڭ سۇقۇلغان شەرىقتىن غەرىپكە يۇلىنىشتىكى ئورنى نەق مەيدان يۇل بۇلىكىنىڭ چۇشۇپ قالغان نەرسە ئورنىنىڭ ئەتراپىدا، جەنۇپتىن شىمالغا يۇلىنىش بۇيىچە ئورنى نەق مەيدان يۇل يۇزىنىڭ جەنۇبى تەرپىدىكى ئاق سىزىقنىڭ شىمالىدىكى 3.25 مىتىرلىق ئۇرۇندا. 2› 新N33691 نۇمۇرلۇق ماشىنىڭ يۇلدا قاتناش ھادىسىسى چىقارغاندىكى پەيىتلىك سۇرئىتى 73 كىلۇمىتىر سائەت.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019] 9496-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا: ئېزىز سۇلايماننىڭ قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىن ئىسپىرىت مىقدارى بايقالمىدى دىيىلگەن
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019] 9497-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا: قۇربان قاسىمنىڭ قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ھەر يۇز مىللىلىتىردا 257 مىللىگىرام دىيىلگەن .
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئورنىنىڭ [2019] 056- نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى تەكشۇرۇش پىكىرنامىدا: ئۆلگۇچى ق**مەس ھالەتتە سۇل پىشانە يۇزى ۋە ئارقا گەجگە قىسمى زۇر بىسسىز سىرتقى كۇچ (سۇقۇلۇش كۇچى، يېقىلىش سىرىتقى كۇچى ) تەسىرىدە باش سۇڭىكى كۇپ يەردىن سۇنغان ۋە باش سۇڭەك تۇۋى سۇنغان، مىڭڭە غۇلى زەخمىلىنىپ نەپەسلىنىش ئايلىنىش سېستىمىسى تىز زەيىپلىشىپ ئولگەن دىيىلگەن.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى ئەتىرىتىنىڭ قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدا، ئې** ئاساسلىق مەسئۇلىيەت جاۋابكارلىقىنى ئۈسىتگە ئالىدۇ، ق**قۇشۇمچە مەسئۇلىيەت جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ مەسئۇلىيەت بېكىتكەن.
ھەق تەلەپ قىسمىدا كىلىشىپ تۇگەشكەن، ھۇكۇمەت گۇۋاھلىقتىن ئوتكۇزگەن.
مەھكىممىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئې**نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش توغىرىسىدىكى بەلگىلمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ، بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەم ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئولىيەتنى ئۇستىگە ئالغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسى جىنايىتى شەكىلىندۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا، 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.
بىراق ئې** بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە ئاساسلىق مەسئولىيەتنى ئۇستىەە ئالغان، زىيانلانغۇچىدىمۇ قۇشۇمچە مەسئولىيەت بار، ئې** ھادىسە يۇز بەرگەندىن كىيىن 110 غا تىلىفۇن قىلىپ دېلو مەلۇم قىلغان ھەمدە يارلانغۇچىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇش تەرەپتارىدا بۇلغان. تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، ج خ ئىدارىسىمۇ ئېزىز سۇلايماننى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويغان، قىلمىشىغا ھەقىقىي توۋا قىلىپ، جىنايىتىنى ئەينەن تاپشۇرغان، دىلونىڭ ھەق تەلەپ قىسمىدا ئۈلگۈچى تەرەپ ئائىلىسى بىلەن كىلىشىپ، كىلشىم ئىجرا قىلىنىپ تۈگۈشۈپ، ئۆلگۈچىنىڭ تۇققانلىرى ئې** ئۈستىدىن ھەق-تەلەپ داۋاسى قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇنى كەچۈرگەنلكىكىنى، ئۇنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويغان ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددا 2-تارماق، 290-ماددسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئې*نى ئەيىپلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ قايتا قاراپ چىقىشغا سۇنسا بولىدۇ.
ئەيىپلەنمىگۇچى بۇ قارارغا قايىل بۇلمىسا، مۇشۇ قارارنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرزى بەرسە بۇلىدۇ.
زىيانلانغۇچى بۇ قاراغا قايىل بۇلمىسا، مۇشۇ قارارنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرزى بىرىپ ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلسا، ياكى ئىلتىماس ئەرزى بەرمەي تۇقسۇ ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسا بۇلىدۇ.
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论