欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(艾某某故意伤害案)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

XX شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

                  ئا ش ت 1-بۆلۈم ئەيىبلىمەسلىك  (2020)  72-نومۇرلۇق 

  ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 37 ياش، كىملىك نۇمۇرى XXXXXXXX6529011983، يۇرتى XX شەھىرى، XX شەھەر XX يولى XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، رىمىنۇتچى، 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇغۇرلۇق قىلىمىشى ئۈچۈن XX شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن مەمۇرى جەھەتتن 15كۈن توختۇتۇپ قويۇلغان، 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى زەھەر چەككەنلىك قىلىمىشى ئۈچۈن XX شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن مەمۇرى جەھەتتىن 5 كۈن توختۇتۇپ قويۇلغان. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى گۇمانى بىلەن XX شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلىگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسدە. 

XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنىڭ قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى (2020) XX-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەنمىگۈچىلەردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:  

  ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX 2020–يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۇنى چۈشتىن كىيىن سائەت 15:30 لەر ئەتىراپىدا، XX شەھەر XX يولى XX ئولتۇراق رايۇنى -XXبىنا ئالدىدا زىيانلانغۇچى س XX بىلەن شۇ كۈنى تاڭ سەھەر 1:00 لەر ئەتراپىدىكى زىيدىيەت توغرىسدا گەپ تاكاللىشىپ قالغان. زىيانلانغۇچى سXX گەپ تاكاللىشىش جەريانىدا قولىدىكى بىخەتەرلىك قالپاق بىلەن ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنىڭ بېشىغا بىرنى ئۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX قولى بىلەن زىيانلانغۇچى سXXنىڭ گېلىنى سىقىپ، بېشى بىلەن زىيانلانغۇچى سXXنىڭ تۇمشۇقىغا ئۈسكەن، ئىككىسى يىقىلىپ چۇشكەندىن كىيىن زىيانلانغۇچى سXXنىڭ ئايالى ئاXX ( ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىنغان ) يۈگۈرۈپ كىلىپ ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنىڭ بەل قىسىمىغا ئۈچ-تۆتنى تەپكەن، ماجىرادا زىيانلانغۇچى سXXنىڭ بۇرۇن سۆڭىكى، ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنىڭ 5-قوۋۇرغا سۆڭىكى سۇنىشىدەك ( ئىككىنجى دەرىجىلىك يىنىك زەخمە) ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 234-ماددا بەلگىلىمىسگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك، بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX زىيانلانغۇچى سXX بىلەن قوشنا، ئۆز-ئارا بىر-بىرىسنى ئەپۇ قىلىشىپ كىلىشىمنامە تۈزۈشۈپ يارىشۋالغان، جىنايىتى يىنىك، جىنايىتىگە تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى، جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋىپ ئېلىپ كەلمىگەن، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتىنى تولۇق ئېتراپ قىلىغان، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان. شۇڭا ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشىنىڭ زۆرۆريىتى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە نىسپى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى. 

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىگە قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرزى سۇنسا بولىدۇ.

زىيانلانغۇچى قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى XX شۆبىسىگە ئىلتىماس قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ھەم  بىۋاستە XX شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسا بۇلىدۇ .

XX شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top