欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(艾某某寻衅滋事案)

2021-09-26 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارى

پىچان تەپتىش جىنايى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 7 -نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxx، لەقىمى يۇق، ئەر، ئۇيغۇر، ** ياش، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، **ناھىيە ** بازار ** كەنت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق،كىملىك نۇمۇرى: 0975******65212319، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايىي ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلغان، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن قانون بۇيىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.

پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxxنىڭ قىمارخا ئىچىش چىقىرىش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان.

مەھكىمىمىمز قانون بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxxنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى قىلمىشىنى ئىنىقلاپ چىقتى:

1.2016-يىلى 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، جاۋابكار ئەxx، جاۋابكار خاxxنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ، قانۇنسىز پايدا تىپىش مەقسىتىدە،** ناھىيە **** سايمانلىرى سودا سارىيىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئىلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقخانا ئىچىپ قىمار تەشكىللەش بىلەن شۇغۇللانغان، قىمارخانىنىڭ ئىچىگە 4 بىلىق تۇتۇش ماشىنىسى، بىر قارت ماشىنىسى، 7ماجاڭ ماشىنىسى قۇيۇپ تەڭگە قايتۇرۇش ياكى نۇمۇر قايتۇرۇش شەكلىدە تەڭگە ياكى نۇمۇرنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇپ باشقىلارنى قىمار ئويناشقا تەشكىللىگەن، جاۋابكار ئەxxنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جاۋابكار خاxx قىمارخانىغا كونكىرت مەسئول بولغان، زxx ( ئا چىڭ سۇ، ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ) مالىيەگە مەسئول بولغان، پەxx (ئەيىبلەنمىدى)، ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxx، ئەxx (ئەيىبلەنمىدى)، جاۋابكار غەxx قاتارلىقلار قىمارخانىدىكى قىمار ئويناش ماشىنىسىغا نۇمۇر قاچىلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ تەخمىنەن 200000( ئىككى يۈز مىڭ) يۈەن ئەتراپىدا قانۇنسىز تاپاۋەت قىلغان.

2.2016-يىلى 4-ئايدىن 2017-يىلى 3-ئايغىچە جاۋابكار ئەxx **ناھىيە **** ئائىلىكلەر ئولتۇراق رايۇنىنىڭ يىنىدىكى** مىھمانخانىسىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىنى ئىجارىگە ئىلىپ قانۇنسىز ئىلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقخانا ئىچىپ قىمار تەشكىللەش بىلەن شۇغۇللانغان، قىمارخانا ئىچىگە 3 بىلىق تۇتۇش ماشىنىسى، ئىككى قارت شىلاش ماشىنىسى، بىر ئاپتۇماتىك ماجاڭ ماشىنىسى قۇيۇپ، تەڭگە قايتۇرۇش ياكى نۇمۇر قايتۇرۇش شەكلىدە تەڭگە ياكى نۇمۇرنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇپ باشقىلارنى قىمار ئويناشقا تەشكىللىگەن، جاۋابكار ئەxx جاۋابكار ئەxxنى قىمارخانىغا مەسئول بۇلۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان ھەم جاۋابكار ئەxxنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن جاۋابكار ئەxx، پەxx (ئەيىبلەنمىدى)، ئەxx(ئەيىبلەنمىدى)، ئەكپەر پەرىدىن (ئەيىبلەنمىدى)، جاۋابكار خاxx، ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxx قاتارلىق بەش ئادەمنى ئامانلىق ۋە قاراۋۇللۇققا قۇيغان، تەخمىنەن 150000(بىر يۈز ئەللىك مىڭ) يۈەن ئەتراپىدا قانۇنسىز تاپاۋەت قىلغان.

3.يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 1.مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار ؛ 2.گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلېرى ؛ 3.جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى ؛4. نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرە ، سۈرەتلېرى؛ 5. قىمار ئويناش ماشىنىسىنىڭ ئىتىراپنامىسى ۋە تەھلىل قىلىش دوكىلاتى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئە» xxجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 303-ماددسىنىڭ 2- تارمىقىدىكى قىلمىشنى سادىر قىلغان، ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxx جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، قىلمىشىغا تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار« شۇڭا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 37-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايى جازانى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەxxنى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.

پىچان ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكور قارارغا قايىل بولمىسا ،مەزكور قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ .

زىيانلانغۇچى مۇبادا مەزكور قارارغا قايىل بولمىغان بولسا ، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن يەتتەكۈن ئىچىدە تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس بۇلىدۇ ياكى پىچان ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسابۇلىدۇ .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top