欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(艾某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

              ئا ش ت ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 66-نومۇرلۇق 

  ئەيىبلەنمىگۈچى ئېxx، ئەر، ئۇيغۇر، 29 ياش، 1993- يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6529011993xxxxxxxx، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، كىپلگە بىرىلشتىن بۇرۇنقى ئولتۇرقى: ئاقسۇ شەھەرxx ئولتۇراق رايۇنى xx-بىنا xx-كورۇپۇس xx-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىشچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019– يىلى 8– ئاينىڭ 20– كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە. 

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئxxنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى (2019) 1173-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

ئەيىبلەنمىگۈچى ئxx 2019- يىلى 8-ئاينىڭ 18–كۈنى سائەت 00:00 لەردە ئاقسۇ شەھەر xx ئىچىدە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن،شۇيەرگە توختۇتۇپ قويغانxxxxA نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ، 2019-يىلى8-ئاينىڭ 18-كۇنى سائەت 03:30لەر ئەتراپىدا ئاقسۇ شەھەر xx رايونى تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە ، چارلاش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 86.92 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. 

مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى ئxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق دەلىل ئىسپات تۇلۇق، ئەيىبلەنمىگۈچى ئxx ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، ئەيىبلەنمىگۈچى ئxxنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى ئxxنىڭ جىنايىتى يىنىك، جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلمىگەن شۇڭا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشىنىڭ زۆرۆريىتى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچى ئxxنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى. 

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىگە قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرىز بەرسە بولىدۇ.

  

تەپتىش: يۈسەنجان موللىمىن 

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top