كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلىمەسلىك ( 2020) 32 -نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۈچى ھەXX،ئەر، ****-يىل ** -ئاينىڭ**-كۇنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى: ********6528011997، ئۇيغۇر، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،كەسپى :**** شىركىتىنىڭ توختاملىق ئىشچىسى ،نۇپۇسى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورۇن:كورلا شەھىرى ** يۇلى **-نۇمۇر**-رايۇن **-بىنا**-301 نۇمۇر،بۇرۇن جازالانمىغان ، 2019 –يىل 09-ئاينىڭ18-كۇنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن ، 2020- يىلى 9-ئاينىڭ 27- كۇنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا كېپىللىككە بىرىلگەن .
مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى ھەXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دىلوسىنى 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 23- كۈنى ئىككى توپلام دىلو ئارخىۋى ۋە 3 نۇسخا ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۇقۇقىنى يەتكۈزدۇق. ھەمدە قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق.ئەيىبلەنمىگۈچىگە جىنايىتىنى تۇنوپ،جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋېتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
ئەيىپلەنمىگۈچى ھەXX 2019-يىلى08-ئاينىڭ22-كۈنى سائەت 02 دىن 33 مىنۇتلار ئەتىراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新**** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ، كورلا شەھەرلىك ** يۇلى بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق ** چوڭ دارۋازا ئالدى يول بۆلىكىدە،شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان چارلاش ساقچىللىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان .
شىنجاڭ جۇڭ شىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) ****-نۇمۇرلۇق ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش پىكىرنامىسىدا ، ھەXXنىڭ ھەر100مىللىلىتىردا 102.32 مىللىگىرام مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىققان.
ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش يەكۈنى ۋە ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. ئەيىپلەنمىگۈچى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى،جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بولدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: ئەيىپلەنمىگۈچى ھەXX يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ133-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكلىللىنىدۇ،جىنايەت گۇماندارى تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، جەمىيەتكە خەۋىپ يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى تۆۋەن، قىلىمىشى يىنىك، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 37-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈرىيتى يوق. شۇڭا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ھەXXنى نىسپىي ئەيىپلىمەسلىك قارارى چىقاردۇق . ئەگەر ئەيىپلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز سۇنسا بولىدۇ.
كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020- يىلى-10ئاينىڭ23- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论