温宿县人民检察院
不起诉决定书
温宿县检一部刑不诉〔2020〕13号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئو ت ئەيىبلمەسلىك (2020) 13– نومۇرلۇق
جاۋابكار ئەXX ، ئەر، ئۇيغۇر، XX19 -يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى :5517 XXXXXX65292219، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئونسۇ ناھىيە XX بازىرى XXكەنىت XXمەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ، دىھقان ، ئىلگرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 4 –ئاينىڭ 14-كۈنى ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارسى تەرپىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللگە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىزدىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسىگە دەۋادىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇردۇق ۋە ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. ئاشكارە تەكشۈرۈش تەرتىۋىنى بېسىپ ئۆتتۇق. ھازىردىلونى تەكشۈرۈش تاماملاندى.
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 9:30 مىنۇتلار ئەتراپىدا 新NB9XXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپلىق ئاپتۇموبىلغا، رXX، ئەلXX (6 ياش)، ئەكXX ( 3ياش) قاتارلىقلارنى ئولتۇرغۇزۇپ ھەيدەپ ئۇنسۇ ناھىيە Z620-لىنىيە 14 كىلومىتىر 300 مىتىرلىق يول (ئۇنسۇ ناھىيە تۇمشۇق بازار تەۋەلىكى ) بۆلىكىدە غەرىپتىن شەرىق يۆنىلىشىتە يول يۈرۈپ ھادىسە يۇز بەرگەن جاي جىددى ئايلانمىغا كەلگەندە ئاپتوموبىل سۈرىتى تىز بولغانلىقتىن ئاپتوموبىل كونتىروللىقىنى يۇقۇتۇپ يول يېنىدىكى ئورمانغا سوقۇلۇپ كەتكەن، نەتىجىدە ئەلXX ( يىنىك 2 دەرىجە) ئەكXX ( يىنىك 2- دەرىجە) زەخمىلەنگەن، رXX رەخمىلىنىپ ئۆلۇپ كەتكەن، قاتناش ۋاسىتىسى بۇزۇلغان، يول قاتناش ھادىىسى كىلىپ چىققان مەزكۇر ھادىسىدە ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXگە بارلىق جاۋاپكارلىق بىكىتىلگەن. ھادىسىدىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX زىيانلانغۇچى ئائىلسىىدىكىلەر بىلەن ئىقدىسادى جەھەتتىن كىلىشىم ھاسىل قىلىپ تۇگەشكەن، زىيانلانغۇچى ۋە ئائىلە تائاباتىنىڭ ئەپۇ قىلشىغا ئېرىشكەن .
ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتنى باھالاش ئىشخانىسنىڭ (2019)14- نۇمۇرلۇق جەسەت تەكشۇرۇش باھالاشنامىسىدە زىيانلانغۇچى رXXنىڭ باش قىسمىغا سىرىقى كۇچنىڭ تەسرىدە باش قىمسى بىلەن مېڭە قىسمى ئېغىر زەخمىلىنىپ ئۆلۇپ كەتكەن دەپ باھالاش يەكۇنى چىقرىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋابكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىزمۇنداق قارايدۇ: ئەيىبلەنمىگۈچى جاۋابكار ئەXXنىڭ موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان قىلمىشى قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايتى شەكىلىنىدۇ، بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX قىلمىش سادىر قىغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىلارنى ئاكتىپلىق بىلەن قۇتقۇزۇش تەرەپدارى بولغان، ۋاقتىدا دىلو مەلۇم قىلغان، تۇنجى قېتىم دىلو سادىر قىلغان، جىنايىتىنى تونۇپ، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان، جىنايى قىلمشى يەڭگىل، مەزكۇر دىلودىكى قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۆلەم كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، تۆلەمنى تۆلەپ، ئۇلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن، ھەمدە مەزكۇر دىلودىكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئىككى زىيانلانغۇچى بىلەن ئۇرۇق تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى بار، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 37 –ماددا بەلگىلىمسى بويىچە جىنايى جازا ھۆكۇم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق . شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلاردەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.
ئەيىبلەنمىگۈچى قارارنامىگە قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچىنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى ۋە ئائىلە تائاباتى قارارنامىگە قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن 7 كۈن ئىچىدە ئاقسۇۋىلايەتلىك شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەيىبلەشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى بىۋاستە ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرزقىلسا بولىدۇ.
ئۇنسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2019-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论