شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئاقسۇ شەھەرلىك تەپتىش جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلىمەسلىك [2020] 13-نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئەيXX، ئەر،ئۇيغۇر،XXياش، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان،كملىك نومۇرى: XXXXXXXX6529281993، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى: XX ناھىيەسى، شىنجاڭ XX ناھىيسى بXX بازار XX كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دىھقان، پارتىيە ئەزاسى ئەمەس، ئىلگىرى جازالانمىغان.2020-يىلى12–ئاينىڭ 25-كۈنى قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنىڭ قاتناش ھادىسى جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى (2021) 35-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى11-ئاينىڭ03-كۈنى سائەت07دىن33مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپىدا، ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX 新NXXXXX نۇمۇرلۇق ئاپتۇموبىلنى XX شەھەر XX بازار XX-كەنىت يولىدا جەنۇپتىن-شىمالغا سۈرئەت ئاشۇرۇپ (بەلگىلەنگەن سۈرئەت 40 كىلومىتىر ھەر سائەت/ھەيدەپ ماڭغان سۈرئەت67 كىلومىتىر ھەر سائەت)ھەيدەپ مېڭىپ XX بازار XX-كەنىتXX-مەھەللە يول بۆلىكىگە كەلگەندە قارشى تەرەپنىڭ يولىغا كىرىۋېلىپ يول ئىگەنلىىگەنلىك سەۋەبىدىن،قارشى تەرەپ يۆلىنىشتە زىيانلانغۇچى ساXX ھەيدەپ كىلىۋاتقان نۇمۇر تاختىسى يوق XX چاقىلىق توكسىكىلىت بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن،زىيانلانغۇچى ساXX قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان.ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX مەزكۇر قاتناش ھادىسىدە پۈتۈن مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىغا بارلىق چىقىملارنى تۆلەپ، ئەپۇسىغا ئېرىشكەن.
مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. قاتناش ھادىسسى جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك، بىراق ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX 120 ئارقىلىق قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى ئىشلىگەن، قازا قىلغۇچى ئائىلىسىگە بارلىق ئىقتىسادى زىيانلارنى تۆلەپ، قازا قىلغۇچى ئائىلىسىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ جىنايىتىگە تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى تۇلۇق ئېتراپ قىلىدۇ. مەزكۇر جىنايەت سەۋەنلىك جىنايىتى بۇلۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ سۇبىيكتىپ قەستەنلىكى يوق، جەمئىيەتكە ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي خەۋىپى كىچىك، ئەيىبلەنمىگۈچى ئىلگىرى جازالانمىغان. شۇڭا ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشىنىڭ زۆرۆريىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە نىسپى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىگە قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرزى سۇنسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچى قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىگە ئىلتىماس قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ھەم بىۋاستە ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسا بۇلىدۇ .
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论