شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلىمەسلىك چىقىش ( 2020 )75-نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۈچى رXX، ئەر، ئۇيغۇر، 35ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529281985XXXXXXXX، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتىXX : ناھىيەسى، XXناھىيە XX بازىرى XXكەنىت X-گورۇپ X-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق.ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020– يىلى 9– ئاينىڭ 29– كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىممىز دىلونى قۇبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ دىلو پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلىدى .
-2020 يىلى08-ئاينىڭ31-كۈنى سائەت 17دىن10مىنۇت ئەتراپىدا، ئەيىبلەنمىگۈچى ر新R2**** XXنۇمۇرلۇق ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتومبېلنى ئاقسۇ شەھىرى XX يولىدا غەرىپتىن-شەرىق يۆنلىشتە ھەيدەپ مېڭىپ XX يولى XX سانائەت رايونى ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش پونكىتى ئالدى يول بۆلۈكىگە كەلگەندە مەشخۇلات توغرا بولماسلىقى تۈپەيلدىن، مۇشۇ يول بۆلكىنىڭ جەنۇپ تەرەپ يول بويدىكى پىيادە كىتۋاتقان تXX بىسۋەتكەن،نەتىجىدە ت XX نەق مەيداندا قازا قىلغان. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كىيىن ئاقسۇ شەھەرلىك قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتى قانۇن بۇيىچە ھادىسە مەسئۇلىيەتنامە بىكىتشنامىسى چىقىرىپ ئەيىبلەنمىگۈچى ر XX تولۇق مەسئۇلىيەت، تXXنى ھادسدە ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بىكىتكەن.
ھادىسىدىن كېيىن ئەيىبلەنمىگۈچى رXX قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا دەپنە راسخوتى ئۈچۈن ***** يۈەن تۆلەپ بەرگەن.زىيانكاشلىككە ئۇچىرغۇچىنڭ ئائىلىسىدىكىلەر يەنە سوغۇرتا شىركىتى ئارقىلىق *******يۈەن سوغۇرتا تۆلىمىگە ئېرىشكەن .
مەھكىممىز ئەيىپلەنمىگۈچى رXX نىڭ يۇقارقى قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ133- ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق ،دەلىل -ئىسپاتى تولۇق. قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك،بىراق ئەيىپلەنمىگۈچى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن مۇشۇ جىنايەتنى سادىر قىلغان ، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بارلىق ئىقدسادى زىيننى تۆلەپ زىيانلانغۇچى ئائىلە تاۋاباتلىرنڭ ئەپۇسغا ئىرشكەن.جىنايىتىنى تونۇپ،جازاسىغا قايىل، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى. قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددا بەلگىلمىسىگە ئۇيغۇن،شۇڭا قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 177-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىپلىمەسلىكنى(نىسپى) قارارقىلدى .
ئەيىپلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىگە قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرىز بەرسە بولىدۇ .زىيانلانغۇچى تەرەپ قايىل بولمىسا 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىگە ئىلتىماس قىلىپ ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلسا ياكى ئىلتىماس قىلماي ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرىز بەرسىمۇ بولىدۇ .
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020 -يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论