欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(相对不起诉适用)(艾某·阿某某)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

 ي  ت 1-بۆلۈم  ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020)  20- نۇمۇرلۇق

 ئەيىبلەنمىگۈچى ھX ، ئەر، **19- يىلى **- ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:**********65312519، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئاشپەز، ** ناھىيە ** يىزا **-كەنىت **-مەھەللە **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، ئوغرىلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 22- كۈنى يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن

ئەيىبلەنمىگۈچى جX  ، ئەر، **19- يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:**********653125198، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئاشپەز، ** ناھىيە ** يىزا **-كەنىت **-مەھەللە **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، ئوغرىلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 22- كۈنى يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.

بۇ دىلونى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ھX ، ج X لارنى ئوغىرىلىق  جىنايىتىگە  چېتىشلىق دەپ قاراپ،  2020- يىلى 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ  تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشگە يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچىلەرگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىلەرنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.  

    قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۇنى 12:00 لەر ئەتراپىدا، ئەيىبلەنمىگۈچى ھX ، ج X لار ** ناھىيە ** بويىدا كۆرۇشكەندىن  كىيىن، ** ناھىيە ** يىزسىغا چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ مىڭىپ، ** ناھىيە ** يولدىكى ** دوختۇرخانسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، زىيانلانغۇچى م Xنىڭ دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا ئاچقۇچى بىلەن توختۇتۇپ قويغان ئىككى چاقلىق قىزىل رەڭلىك قاپلان ماركىلىق توكسىكىلىتىنى كۆرۈپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ھX توكسىكلىتنى ئوغۇرلاش نىيتىگە كىلىپ، شىرىكى جXغا توكسىكلىتنى ئوغرىلاش مەسلىھەتىنى بەرگەن. ئەيىبلەنمىگۈچى جX قوشۇلغاندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچى ھX تىلكامىرا ئاپىراتىغا چۇشۇپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ ئۆزىنىڭ چاپىنىنى شىرىكى جXغا بىرىپ، شىرىكى جXنىڭ كەينىدە پوسمىسى بار چاپىنىنى ئۆزى كىيىپ بىرىپ، زىيانلانغۇچى مXنىڭ 2952 يۈەن قىممىتىدىكى قىزىل رەڭلىك قاپلان ماركىلىق ئىككى چاقلىق توكسىكلىتنى ئوغۇرلاپ كەلگەن. بۇ جەرياندا ئەيىبلەنمىگۈچى جX يولنىڭ قارشى تەرىپىدە ساقلاپ تۇرغان. ئەيىبلەنمىگۈچى ھX شىرىكى جXنى كەينىگە مىندۇرۇپ بىللە قىچىپ كىتىپ، توكسىكلىتنى بىللە ھەيدەپ يۇرگەن. 

دىلو پاش بولغاندىن كىيىن، زىيانلانغۇچىنىڭ توكسىكلىتى ئەسلىگە كەلگەن. 

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: نوپۇس ئىسپاتى، دىلونىڭ پاش بولۇش جەريانى؛ زىيانلانغۇچىنىڭ مال تاپشۇرۇۋىلىش ھۆججىتى؛ ** ناھىيىلىك مال باھا مەركىزىنىڭ مال باھالاش پىكرى؛ زىيانلانغۇچىنىڭ كەچۈرۈمنامىسى؛ ئەيىبلەنمىگۈچىلەرنىڭ پۇشايماننامىسى؛ 2. زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى؛ 3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بايانى؛ 4. ئەيىبلەنمىگۈچىلەرنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش تىلختى؛  5.نەق مەيدان خاتىرىسى ۋە فوتو سۈرەتلەر؛ 6. نەق مەيداندىن ئىلىنغان ئۈن-سىن ماتىرىيالى.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى  ھX ، ج X لارنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋىلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ مال-مۈلىكىنى ئوغىرىلىقچە ئىلىۋالغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە چېتىلىدۇ، قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى  ھX ، ج X لار تۇنجى قىتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايەت سوممىسى يۇقىرى ئەمەس، زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، جىنايىتىنى تونۇپ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان، زىيانلانغۇچىنىڭ كەچۈرىمىگە ئىرىشكەن، شۇڭلاشقا جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن  ھX ، ج X لارنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى. 

ئەيىبلەنمىگۈچى ئەگەر بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى

                       2020- يىلى 4- ئاينىڭ 13- كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top