阿克陶县人民检察院
不起诉决定书
阿克陶县检公诉刑不诉〔2020〕1号
ئاقتۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ ئەيىبلىمەسلىك
قارارنامىسى
ئا ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلىمەسلىك[2020] -نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۈچىھە XX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX- يىلى XX- ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كەسپى: تىجارەتچى، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ XX ناھىيە XX يىزا XX كەنىت XX-گۇرۇپپا XX- نۇمۇر ، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ XX شەھرى XX يىزا XX كەنىتXX-گۇرۇپپاXX-نۇمۇر ، كىملىك گۇۋاھنامە نومۇرى: 65312919XXXX، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.
ئەيىپلەنمىگۈچى 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى قانۇنسىز كان ئىچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.
ئاقتۇ ناھىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار چوڭ ئەتىرىتى [2020] 08- نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىمىزگە يوللىغان ئەيىپلەنمىگۈچى ھەزرىتىلى ئابدۇرۇپنىڭ قانۇنسىز كان ئىچىش دېلوسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىپلەنمىگۈچىگە دەۋا ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىپلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق،بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى كۆرۈپ چىقىتۇق.
تەكشۈرۈش ئنقلشمىزچە :
ئەيىپلەنمىگۈچى ھە XX 2018-يىلى 5-ئايدىن ھازىرغىچە ئە)XXشىنجاڭ XX مىنرال سۇ ئىچىملىك شىركىتىنىڭ باش دىرىكتورى)نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ياXX(شىنجاڭ قوڭۇر مۇزلۇق مىنرال سۇ زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى)نىڭ تەكلىپى بويىچە شىنجاڭ XX مىنرال سۇ ئىچىملىك شىركىتىنىڭ باج رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىش ئۈچۈن شىنجاڭ XX مىنىرال سۇ ئىچىملىك چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى بولغان،بۇ جەرياندا(2018-يىلى 5-ئاينىڭ 21- كۈنىدىن ھازىرغىچە) ، سۇ زاۋۇتى XX ماركىلىق 430مىللىلىتىرلىق بۇتۇلكىلىق سۇدىن 11522يىشىك(بىر يىشىككە 18بۇتۇلكا سۇ قاچىلانغان)ھەر بىر يىشىكى 50يۈەندىن جەمىئي576100(بەش يۇز يەتمىش ئالتە مىڭ بىر يۈز) يۈەن، XX ماركىلىق 5لىتىرلىق خالتىلىق سۇدىن 9856يىشىك(بىر يىشىككە بىر خالتا سۇ قاچىلانغان)ھەر بىر يىشىكى 12يۈەندىن جەمئي118272(بىر يۈز ئون سەككىز مىڭ ئىككى يۈز يەتمىش ئىككى)يۈەن، XX ماركىلىق 430مىللىلىتىرلىق بوتۇلكىلىق سۇدىن 26026 يىشىك(بىر يىشىككە 18بۇتۇلكا سۇ قاچىلانغان)، ھەر بىر يىشىكى 50 يۈەندىن جەمئي 1301300(بىر مىليۇن ئۈچ يۈز بىر مىڭ ئۈچ يۈز) يۈەن قاتارلىق سۇلارنى ئىشلەپ چىقارغان، ئىشلەپ چىقارغان سۇنىڭ ئومۇمى باھاسى 1995672 يۈەن.
مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ ئەيىپلەنمىگۈچى ھەXX 2018-يىلى 5-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ XX مىنرال سۇ زاۋۇتنىڭ قانۇنى ۋەكىلى بولغان بولسىمۇ شىركەتتە ئەمەلى پىيى يوق ،ئەمەلى باشقۇرۇش كۈچى يوق،زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىپ ساتقان سۇدىن پايدا ئايرىمىغان،شۇ ۋاقىتتا شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش باشقۇرۇش ھوقۇقى يوق،شىركەتتە 3500يۈەن مائاش ئىلىپ ئىشلەيدىغان ئادەتتىكى خىزمەتچى ،شۇڭا گۇماندار ھەXXنى«جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسى 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن نىسپى ئەيىپلىمەسلىك قارار قىلىندى.
ئەگەر ئەيىپلەنمىگۈچى ئەيىپلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئچىدە مەھكىمىمىزگە نارازلىق ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.
ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论