شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى **** شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئا ش ت 1 ئەيىبلىمەسلىك [20**] ** - نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ك****، ئەر، ئۇيغۇر، 19**- يىلى **-ئاينىڭ ** -كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 653021********0498، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كەسپى:دېھقان، *** شەھەر *** بازار *** كەنىت *** يولى ***-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان.
ئەيىبلەنمىگۈچى ئۇغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 20**-يىلى ***-ئاينىڭ ***كۇنى *** شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرپىدىن كىپىلگە بىرىلگەن، 20**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن دىلوسى تەكشۇرۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.
*** شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ك*****نىڭ ئۇغۇرلۇق قىلىش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 20**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان،مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۇرۇك ئىچىدە ئەيىبلەنمىگۈچىگە بەھرىمان بۇلۇشقا تېگىشلىك دەۋا ھۇقۇقلىرنى ئۇقتۇرۇپ پىكرىنى ئالدۇق.ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىردىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق.قانۇن بويىچە سۇراق قىلدۇق،زىيانلانغۇچىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە نۇۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ. بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى كۆرۈپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ چىقتۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى قىلمىش سادىىر قىلغانلىقىنى ئېنىقلىدى:
ئەيىبلەنمىگۈچى ك*** 20**-يىلى **- ئاينىڭ **-كۇنى چۇشتىن كىيىن،ج***،ئ****نلار بىلەن *** بازار *** بازىردىكى ق****نىڭ ھاراق-تاماكا دۇكۇنىغا كىرىپ ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغاندا زىيانلانغۇچى ئ**** دۇكانغا كىرىپ يۇقارقىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئۇچ بوتولكا ھاراق ئىچكەن، ئ**** مەس بۇلۇپ قېلىپ، يۇقارقىلارغا مىنىڭ سىلەرگە كوڭلۇم بار، ھاراق ئېلىپ بىرمەن دەپ چاپىنىنىڭ قۇيان يانچۇقىدىن 4730 يۇەن پۇلنى ئېلىپ، يەنە يانچۇقىغا سېلىۋالغان.شۇ ۋاقىتتا ئەيىبلەنمىگۈچى ك****،ئ****ىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى ئۇغۇرلاش نىيىتىگە كىلىپ،ئ****نى ئۆيىگە مەن ئاببىرىپ قۇيىمەن دەپ تۇنۇشى م****غا تېلېفۇن قىلىپ،كىرا بىرمەن ماشىناڭنى ھەيدەپ كەل دىگەن،م**** ماشىنىسىنى ھەيدەپ ھاراق ئىچكەن ئۇرۇنغا كەلگەندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچى ك*** بىلەن م**** ئىككىسى ئ****نى ماشىنىغا چىقىرىپ ئۆيىگە ئاببىرىپ قۇيۇش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىپ،يېرىم يولغا كەلگەندە ئ*** تەرەت قىلمەن دەپ ماشىنىدىن چۇشۇپ، ماشىنىغا چىققىچە بولغان ئارلىقتا ئەيىبلەنمىگۈچى كى**** ئ****نىڭ مەسلىكىدىن پايدىلىنىپ قۇيان يانچۇقىدىكى پۇلدىن 2600 يۇەننى ئۇغۇرلاپ ئېلىۋالغاندىن كىيىن، ئۇغۇرلىغان پۇلدىن 100 يۇەننى كىرا ئۈچۈن بىرىپ 200 يۇەننى خەجلەپ تۇگەتكەن،قالغان پۇلنى قويغان يىرنى بىلمەي يۇتتۇتۋەتكەن،زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دىلىل-ئىسپاتى تۇلۇق بۇلۇپ، يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۇۋەندىكىچە:
1-يازما ئىسپات، 2.زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، 3. گۇۋاچىلارنىڭ گۇۋالىقى، 4. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى،5. ئۇن-سىن ماتىريالى قاتارلىقلار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى،دېلو پاكىتىنى بېكتىشكە يېتەرلىك ئاساس بۇلالايدۇ. ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى قوبۇل قىلدى.
مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ك**** ئۆزى يالغۇز يۇقارقى بىر قېتىملىق ئۇغۇرلۇق دېلوسىنى سادىر قىلىپ، باشقىلارغا جەمئى 2600 يۇەن قىممىتىدە زىيان سالغان. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ يۇقارقى قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، ئۇغۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۇرۇشتۇرۇش كېرەك.لېكىن ئەيىپلەنمىگۇچىنىڭ تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىقى، زىياننىڭ ئەينەن ئەسلىگە كەلگەنلىكى، زىيانلانغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكى،جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلىقى قاتارلىق تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ك****غا جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۇرۇرىيتى يوق دەپ قاراپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددا 2- تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەيىپلەنمىگۇچى م**** ئۆستىدىن ئەيىپلىمەسلىك قارار قىلىندى.
ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچىلار بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە **** ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ،ياكى ئىلتىماس ئەرز قىلماي، بىۋاستە **** شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
*** شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
20**-يىلى **-*** -كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论