阿克陶县人民检察院
不起诉决定书
阿克陶县检一部刑不诉〔2020〕4号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى
ئات ئەيىپلىمەسلىك [2019] -نۇمۇر
ئەيىبلىنمىگۈچى ئا XX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نومۇرى: 65302219XXXX، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، كەسپى : دىھقان، يۇرتى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ XX ناھىيە XX يىزا XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نۇمۇر، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان .
ئەيىبلىنمىگۈچى ئا XX خەۋىپىلىك ھەيدەش جىنايتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى بىر تەرەپ قىلنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن. ئەيىبلىنمىگۈچى ھازىر ئائىسىلدە كىپلىدە .
ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىپلەنمىگۈچى ئا XX خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلاشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلمىسىگە ئاساسەن ئەيىپلەنمىگۈچى ئا XXغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە دەۋادىكى ھوقوق-مەجبۇريەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق، «جىنايتىنى تۇنۇپ،جىنايى جازانى قۇبۇل قىلىش» تۈزىمىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، قانۇن بويىچە ئەيىپلەنمىگۈچى ئا XXنى سوراق قىلدۇق ۋە دىجۈرنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. بارلىق دېلو ماتىريالى، دېلونىڭ دەلىل ئسپاتى ۋە پاكتىنى كۆرۈپ چىقىپ. ئەيىپلەنمىگۈچى ئا XX بىلەن «جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلختى»نى ئىمزالاپ، ئەيىپلەنمىگۈچى ئا XX قوشۇلىشى بىلەن مەزكۇر دىلوغا «جىنايتىنى تۇنۇپ، جىنايى جازانى قۇبۇل قىلىش» تۈزىمىنى قوللاندۇق.
تەكشۇرۇپ ئىنقلاشمىزىچە :
ئەيىبلىنمىگۈچى ئا XX مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچكەندىن كىيىن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 12:50 لەردە مەس ھالەتتە ئۆزىنىڭ新P·XX نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى تۇرمۇش ئابتۇموبىلىنى ھەيدەپ XX ناھىيە XX يىزا 11-كەنىت تەرەپتىن ئاقتۇ XX ھۆكىمەت XX-كەنىت تەرەپكە قاراپ مىڭىپ XX يىزا XX-كەنىت باشلانغۇچ مەكتەپ ئالدىدىكى يول بولكىگە كەلگەندە كەلگەندە شۇ ئورۇندا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى ئەيىبلىنمىگۈچى ئا XXنى مەس قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىدى دىگەن گۇمان بىلەن ئەيىبلىنمىگۈچى ئا XXنى ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانسىغا ئىلىپ بىرىپ قان ئەۋرىشىكىسى ئىلىپ تەكشۈرگەن.
ئەيىبلىنمىگۈچى ئا XXنىڭ شۇ كۈندىكى قىننى شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش ئونى تەكشۈرۈپ، ئەيىبلىنمىگۈچى ئا XXنىڭ ھەر 100 مىللى لىتىرى قىندا 89 مىللى گىرام ئىسپرت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
مەھكىمىمىز: دىلونى تەكشۈرۈپ ئەيىپلەنمىگۈچى ئا XXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىپلەنمىگۈچى ئا XX تۇنجى قىتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايى قىلمىشى يىنىك، ئەيىپلەنمىگۈچى ئا XXنىڭ قان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى تۆۋەن، ۋەقە سادىر قىلمىغان، قىلمىشىغا ئىقرا، جىنايتىنى تونۇش پوزۇتسىيەسى ياخشى، شۇڭا ئەيىپلەنمىگۈچىگە « جىنايتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل» قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزمىنى قوللىنىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 67-ماددىسدا 3-تارماق، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇننىڭ » 15-ماددا، 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمسىگە ئاساسەن، ئەيپلەنمىگۈچى ئا XXنى نىسپى ئەيىپلمەسلىك قارار قىلىندى.
ئەيىپلەنمىگۈچى بۇ قارارقا قايىل بولمىسا، مۇشۇ قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 25 -كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论