ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئۈ ت ت 2-بۆلۈم ج ئەيىبلىمەسلىك﹝2020﹞8–نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئە**، ئەر، ئۇيغۇر، 1990-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى شىنجاڭ غۇلجا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6540211990، ساۋاتسىز، ئۈرۈمچى شەھىرى ** بالىلار باغچىسىنىڭ ئامانلىق قوغداش خادىمى. نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: شىنجاڭ ** ناھىيىسى ** بازىرى ** كەنتى ** يولى **-كوچا **-نۇمۇر. دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ** شەھىرى ** رايونى ** يولى **-نومۇر **-بىنا **-كورپۇس **-نومۇر. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى ئە**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 11–ئاينىڭ 5-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 02:35 لەر ئەتراپىدا، ئەيىبلەنمىگۈچى ئە** ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە تاختا نۇمۇرى 新***** بولغان بېنتىيەن ياگې ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى شەھىرىمىزنىڭ ** رايۇنى ** كوچىسى جەنۇبى **-كوچىدىكى ‹**› ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ، ** رايونى ** كوچىسى تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە، شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرىنى كۆرۈپ، ئۆزى ھەيدىگەن ئاپتوموبىلنى يولنىڭ بويىغا توختۇتۇپ ماشىنىدىن چۈشۈپ ماڭماقچى بولغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. نەق مەيداندا ئەيىبلەنمىگۈچى ئە**غا نەپەس پۈۋلىتىپ قاندىكى ئىسپىرىت تەركىبىنى ئۆلچەش سىنىقى ئېلىپ بېرىش ۋە قانۇن بويىچە قان ئەۋرىشكىسى ئېلىپ تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق، ئە**نىڭ قېنى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنىڭ mg/100ml88 ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپاتلار، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچى ئە**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكرى، ئۈن-سىن ماتىرىياللىرى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئە**نىڭ ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەن قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133–ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇن 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئە**نىڭ قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن دېلو ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئەيىبلەنمىگۈچى ئە**نىڭ سادىر قىلغان جىنايى قىلمىشى بىر قەدەر يىنىك بولۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، دېلوغا كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغان، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بىر قەدەر ياخشى. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 37-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە، ئە**غا جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى ۋە 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئە**نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز سۇنسا بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论