كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلىمەسلىك ( 2020) 22-نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۈچى ئېXX،ئەر،1951-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:6528011951XXXXXX،ئۇيغۇر،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،دىھقان،بۇرۇن جازالانمىغان،نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھەرXX يېزا XX كەنت X-گۇرۇپ XX-نۇمۇر،تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى:كورلا شەھەر XX يېزا XX كەنت X-گۇرۇپ XX-نۇمۇر.كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى قاتناش ھادىسى سادىر قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بىرىلگەن.
كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىپلەنمىگۈچى ئېXXنىڭ قاتناش ھادىسى سادىر قىلىش جىنايىتى دىلوسىنى تەھقىقلەشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن،مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۇقۇقىنى يەتكۈزدۇق. ھەمدە قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۇنى سائەت 13:30ئۆتكەندە،ئەيىپلەنمىگۈچى ئېXX ئىبىراھىم 新MXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ،كورلا شەھەر XX يولىدا غەرىپتىن-شەرىققە قاراپ يول يۇرۇپ،XX سىممۇنت زاۋۇتى ئالدى تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە،جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ يول يۇرگەن ئەXX ھەيدىگەن 新MXXX نۇمۇرلۇق ئېغىر تىپتىكى يۇك ماشىنىسى بىلەن سۇقۇلغان،نەتىجىدە新MXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىندا ئولتۇرغۇچى روXXنىڭ ئۆلۇپ كېتىشى،ئەيىپلەنمىگۈچى ئېXX بىلەن新MXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىندا ئولتۇرغۇچى گۇXXXنىڭ يارلىنىشى،ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزۇلۇشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان.
1.شىنجاڭ XX ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ ( 2019 )XX-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتورىيەلىك تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا،ئېXXنىڭ قان سۇيۇقلىقىدا ئىسپىرت مىقدارى يوق دەپ يەكۈن چىقارغان.
2.شىنجاڭ XX ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ { 2019 } XX-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى تېخنىكىلىق باھالاشنامىسىدا :
新MXXX نۇمۇرلۇق ماشىننىڭ تۇرمۇز سېستىمىسى لاياقەتلىك.
新MXXXنۇمۇرلۇق ماشىنا بىلەنXXX 新M نۇمۇرلۇق ماشىنا سۇقۇلغاندىكى تىگىشكەن نۇقتا شەرقى غەرپ يۆلىنىشتىن نەق مەيدان جەنۇپ شىمال يۆلۇنۇش يولنىڭ ئوتتۇردىكى گۇللۇكنىڭ شەرق تەرەپ يان تەرەپتىكى يول بەلباغ تېشىدىن شەرققە سۇزۇلغان يۆلۇنۇشتىكى 3.5مىتىر ئارلىقتا.جەنۇپ شىمال يۆلۇنۇشتىن نەق مەيداندىكى 新MXXXنۇمۇرلۇق ماشىنا چاقىنىڭ سورەلمە ئىز باشلانغان باشلىنىش نوقتىسى يىنىدا.
新MXXX نۇمۇرلۇق ماشىننىڭ سۇقۇلغان ۋاقىتتىكى سۇرئىتى 78km/h .
新MXXXنۇمۇرلۇق ماشىنا ماشىننىڭ سۇقۇلغان ۋاقىتتىكى سۇرئىتى 56km/h دەپ يەكۇن چىقارغان.
3. كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ ( 2019)XXXX–نۇمۇرلۇق يول قاتناش ئېتراپنامىسىدا ئېXXھادىسىدە ئاساسلىق مەسئولىيەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ،ئەXX بۇ قىتىملىق قاتناش ھادىىسسىدە قۇشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن.
4. كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ماددىي ئىسپاتلارنى باھالاش ئىشخانىسىنىڭ (2019) XX-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلىمى جەسەت تەكشۇرۇش پىكىرنامىسىدە رۇXXنىڭ باش قىسمى زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقارغان.
ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى يازما ئىسپات،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى،باھالاشنامە،ئىنقلاپ تەكشۇرۇش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. ئەيىپلەنمىگۈچى ئېXX پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى،جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بولدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: ئەيىپلەنمىگۈچى ئېXXنىڭ قاتناش-ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ،ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەپ،قاتناش ھادىسى سادىر قىلغان قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.ئەيىپلەنمىگۈچى ئېXXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيسى ياخشى،تۇنجى قىتىم جىنايەت سادىر قىلغان،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئىتراپ قىلىدۇ،دىلو يۇزبەرگەندىن كىيىن جىنايى ئىشلار ھەق تەلەپ قىسمىدا كېلىشىپ،ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن.جەمئيەتكە خەۋىپ يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى تۆۋەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 37-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈرىيتى يوق.شۇڭا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئېXXنى نىسپىي ئەيىپلىمەسلىككە قارار قىلدۇق.
ئەگەر ئەيىپلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا،يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز سۇنسا بولىدۇ.
كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۇنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论