欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(相对不起诉适用含认罪认罚)(艾某喀尔江·伊米提)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ي  ت  ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 39 -نۇمۇرلۇق  

ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX، ئەر، قىرغىز، ** 19–يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: **653125، باشلانغۈچ مەكىتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يەكەن ناھىيە ** بازار ** كەنتى **-گۇرۇپپا **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى سوتلۇق بولمغان، خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن. 2020-يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى مەھكىممىز تەرىپدىن كىپلگە بىرلىگەن.

بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن  ئەيىبلەنمىگۈچگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.

 تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:

ئەيىبلەنمىگۈچى ئە -2019 XXيىلى 5- ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 17:00 لەر ئەتراپىدا، ** بازار تەۋەسىدىكى سوغۇق ئىچملىك دۇكنىدا ئۆزى يالغۇز يىرىم بوتۇلكا 500 گىراملىق « ماۋتەي » ماركىلىق ئاق ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، 20:30 لار ئەتراپىدا، مەست ھالەتتە ئاغنسى ئا XXنىڭ新Q** نومۇرلۇق، ** رەڭلىك «**» ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى، يەكەن ناھىيە ** بازار خەلق مەيدانى ئالدىدىن، ** بازار- **كەنىتتىكى ئۆيىگە بېرىش ئۈچۈن ھەيدەپ مىڭىپ،  يەكەن ناھىيە ** بازار -**كەنىت  -**مەھەللە(*** ئالدىغا) تەۋەسىگە كەلگەندە، موتوسىكىلتىنى كونتىرول قىلىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن يىقلىپ كەتكەندىن كىيىن، شۇ يەردە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى ئىلىپ  خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى ساقچلىرى تەرپىدىن بايقىلپ تۇتۇلغان. 

شىنجاڭ «جىنلۇ» ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى نىڭ -***{2019} نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا « ئەXXنىڭ قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 108.6 مىللىگىرام » دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX بۇ قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قايىل بولغان.

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛

1. يازما ئىسپات : ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىسپاتلىرى، قان ئەۋرىشكىسى ئىلىش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى ؛

2. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

3.گۇۋھىچلارنىڭ گۇۋاھلىق ئىسپاتى؛

4. «شىنجاڭ جىنلۇ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) ****- نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛

5. نەق مەيدان خاترىىسى ۋە رەسىملىرى. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133 – ماددا 1 – مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ. قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنىڭ قىلمىشى يىنىك، زىيانلىق ئاقىۋىتى ئىغىر ئەمەس، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 3 - تارماق، 133 - مادداىسىنىڭ 1 - مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177– ماددا 2 - تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەXXنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى. 

ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

 

يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى

2020- يىلى 6- ئاينىڭ 17- كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top