欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(相对不起诉适用含认罪认罚)(塔某某信用卡诈骗案)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

                   

             ئۈ ت ت 3-ب ج ئە م ق20206–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

ئەيىبلەنمىگۈچى تا **، ئەر، **19-يىل **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ يىڭسار ناھىيسدە تۇغۇلغان، ئۇيغۇر،  ئاھالە كىملىك نۇمۇرى:  ********6531231988، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم خىزمىتى يوق، نوپوس تۇرۇشلۇق ئادرىسى : شىنجاڭ شىنخا ناھىيىسى ** بازىرى ** يولى **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇر، ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايونى ** قوروسى **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.   ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇرالغۇ جايى نازارەتكە ئېلىنغان، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى مەجبۇرلاش تەدبىرى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بېرىشكە ئۆزگەرتىلگەن. 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى تا **نىڭ كىردىت كارتا ئالدامچىلىقى دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 12–ئاينىڭ 23-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى  ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق.  جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

2019-يىل 11-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 18:00 لەر ئەتىراپىدا، ئەيىبلەنمىگۈچى تا ** تىيانشان رايۇنلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى ** ساقچىخانىسى ** خەلقكە قولايلىق ساقچى پونكىتىدا ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، باشقىلار يولدىن تېپىۋىلىپ تاپشۇرۇپ بەرگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پو **نىڭ كارتا نۇمۇرى ********62590765بولغان جۇڭگۇ بانكىسى ئىناۋەتلىك كارتىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھەمدە خەلقكە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ئىككىنجى قەۋىتىدىكى ياتىقىدا مەخپىي نۇمۇر سېلىنىمىغان يۇقارقى بانكا كارتىسىدىن، ئۆزىنىڭ نامىدىكى كارتا نۇمۇرى ******** 62282708912 بولغان يىزا ئىگىلىك بانكا كارتىسىغا ئۇلانغان لاكالا pos ئاپىراتى ئارقىلىق ئۈچ قېتىمدا جەمئى 9000 (توققۇز مىڭ) يۈەننى چېقىرىۋىلىپ، شەخسى تۇرمۇشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچى تا ** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا خەلق پۇلى 9000 (ئون سەككىز مىڭ ئۈچ يۈز) يۈەننى قايتۇرغان. 

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئەيىبلەنمىگۈچى تا ** ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.  

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. ماددى ئىسپات: بانكا كارتىسى، لاكالا pos ئاپىراتى؛

2. يازما ئىسپات: ئەيىبلەنمىگۈچى تا **نىڭ  سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، تۇتۇلۇش جەريانى ئىسپاتى، دېلوغا چېتىشلىق بانكا كارتىسىنىڭ كىرىم چىقىم خاتىرىسى، ئەپۇ قىلىش خېتى قاتارلىقلار؛

3.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پو** نىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە گەپ سوراش خاتىرسى؛ 

4.ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئېقىرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: ئەيىبلەنمىگۈچى تا **نىڭ  تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

5. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: نەق مەيدان تونۇتۇش سۈرەتلىرى، ئەھۋال چۈشەندۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىقلار؛ 

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. ئەيىبلەنمىگۈچى تا **نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى تا **نىڭ تېپىۋالغان باشقىلارنىڭ بانكا كارتسىنى ئىشلىتىپ، بىر قەدەر زور سوممىدىكى پۇلنى چېقىرىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 196–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىقى جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى تا ** تۇنجى قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزگەن، ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىپ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيسى ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنايى قىلمىشى بىر قەدەر يىنىك. يۇقارقى ئەھۋاللارنى ئومۇمىيۈزلۈك ئويلىشىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 37-ماددىسى، 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177–ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، تا **نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.

 ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارنامىگە قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېينىكى يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

 

 

    تەپتىش: پاتىگۈل تۇرسۇن  

   تەپتىش ياردەمچىسى: مەمەت توختى

2020–يىلى 12–ئاينىڭ 30–كۈنى

 

 

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top