欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(相对不起诉适用含认罪认罚)(努尔沙某某·托合提)(公开版)

2021-09-26 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

پوسكام ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

پ، ت 1-بۆلۈم ئەيىبىلىمەسلىك چىقىش (2020) 14-نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى نۇxxx، ئايال، ئۇيغۇر، 19xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : 65312419xxxxxxxxxx، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دىھقان، پوسكام ناھىيە xx يېزا xx كەنتى x-مەھەللە xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. سەۋەنلىك بىلەن باشقىلارنى ئېغىر زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 20xx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى پوسكام ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن، 20xx-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

پوسكام ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى نۇxx سەۋەنلىك بىلەن باشقىلارنى ئېغىر زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 20xx-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، زىيانلانغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، زىيانلانغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇردۇق.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچى نۇxxنىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى:

ئەيىبلەنمىگۈچى نۇرxx 20xx-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى سەھەر سائەت 00:10 لار ئەتراپىدا، پوسكام ناھىيە xx يېزا xx كەنتىx-مەھەللە xx-نومۇرلۇق ئۆيىدە زىيانلانغۇچى مەxxنىڭ (ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ يولدۇىشى) مەسىت ھالەتتە ئۆيگە قايتىپ كىلىشى بىلەن ئىككىسى گەپ تالىشىپ جىدەللىشىپ قالغان، بۇ جەرياندا نۇxxx تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە كەتمەكچى بولۇپ يامانلاپ ماڭغاندا، مەxxx نۇxxنىڭ ئالدىنى توسۇپ ماڭغىلى قويمىغان، شۇ ۋاقىتتا نۇxx قولىغا شۇ ئۆيدىكى بىر دانە بىگىزنى ئىلىپ ھويلا دەرۋازىسىنى ئىچىپ سىرتقا چىقماقچى بولغاندا، مەxxسىرتقا چىققىلى قويماي تىركىشىش جەريانىدا ئەيىبلەنمىگۈچى نۇxxنىڭ قولىدىكى بىگىزنىڭ ئۇچى زىيانلانغۇچىنىڭ سول كۆزىگە كىرىپ كىتىپ زىيانلانغۇچى مەxxننىڭ سول كۆزى زەخمىلەنگەن. 

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى پوسكام ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ماددى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش ئىشخانىسى زىيانلانغۇچى مە xxنىڭ زەخمىسنى 2-دەرىجىلىك ئىغىر زەخمە دەپ يەكۈن چىقارغان.   

مەھكىمىمىز، ئەيىبلەنمىگۈچى نۇxxxx «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 235-ماددىسىدىكى قىلمىشنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ سوبېيكتىپ رەزىللىكى قەبىھ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيانلانغۇچى ئۇنىڭ يولدۇشى بولۇپ، زىيانلانغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشپ يارىشىپ قالغان، بۇ دېلو سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت بولۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغان، جىنايىتىگە توۋا قىلىش ئىپادىسى ياخشى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، 37-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈرىيتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 290-ماددا، 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، نۇxxxنى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.

ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ.

زىيانلانغۇچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك شۆبىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ياكى پوسكام ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.

پوسكام ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top