欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(相对不起诉适用含认罪认罚)(凯某某危险驾驶案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-20 尘埃 评论0

温宿县人民检察院

不起诉决定书

温宿县检一部刑不诉〔2020〕25号

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

                                                     ئو ت ئەيىبلمەسلىك (2020) 25- نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى قە XX، ئەر، ئۇيغۇر، 1983-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى: XXXXXXXX6529221983، تولۇق ئوتتورا مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، پارتىيە ئەزاسى، ئونسۇ ناھىيلىك سەھىيە نازارەت پونكىتىنىڭ شوپۇرى، XX ناھىيە XX ئولتۇراق رايونى XX-بىنا XX-كورپۇس XX-ئۆيدە ئولتۇرشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى قە XX نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچىگە دەۋادىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇردۇق ۋە پىكىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. ئاشكارە تەكشۈرۈش تەرتىۋىنى بېسىپ ئۆتتۇق. ھازىر دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردۇق.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەر ئېنقلاندى:

ئەيىبلەنمىگۈچى قە XX 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 9 دىن 20 مىنۇت ئەتراپىدا قە XX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ 新NY XXXXX نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يولى شۈەي شازى سودا شىركىتى ئالدىدىكى يول بۆلىكىدە كېتىۋاتقاندا، شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترەت ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. باھالاش ئارقىلىق قە XX نىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ml100mg/85.79 چىققان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

يازمائىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچى قە XX نىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشچە، ئەيىبلەنمىگۈچى قە XX نىڭ قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. بىراق ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ قىلمىشى كۆرۈنەرلىك يەڭگىل، ئىجتىمائىي خەۋپى چوڭ ئەمەس، قىلمىشىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەيىبلەنمىگۈچى قە XX نى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.

ئەيىبلەنمىگۈچى قارارنامىگە قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.

ئۇنسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top