شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ي ت ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 40 -نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئى XX، ئەر، **19–يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 653125****، ئۇيغۇر، ئوتتۇرا تىخنىكوم مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادېرىسى: يەكەن ناھىيە ** بازار ** كەنتى **-گۇرۇپپا **-نۇمۇر، تۇرۇشلۇق ئادىرىسى : ** *-ئولتۇراق رايونى ** *-بىنا **-كۇرپۇس **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.ئىلگىرى سوتلۇق بولمغان، خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.
بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئى XXنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئى XX 2019-يىلى 9- ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 23:00 لەر ئەتراپىدا، يەكەن ناھىيە ******* كىرىپ ئاغىنىسىي ئاXX ،ئايالى زۇXX، ساۋاقدىشى پاXX، نۇXX قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئوينغىلى كىرىپ، ئى XX بىر رومكا ۋوتكا ماركىلىق قىزىل ھاراق ئىچكەن، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ11-كۈنى سائەت 02:30لەر ئەتراپىدا ئەيىبلەنمگۈچى ئى XX چىقىپ، ****** ماشىنا توختىتىش مەيدانىغان توختىتۇپ قويغان 新Q** نۇمۇرلۇق كۆك رەڭلىك XXماركىلىق ماشىنىغا ئاXX، زۇXX، پاXX، نۇXX قاتارلقىلارنى چىقىرىپ، ماشننى ھەيدەپ مېڭىپ، *****قىزىل چىراغدىن ئوڭغان قايرىلىپ، 2019 – يىلى 9– ئاينىڭ 11– كۈنى سائەت 03دىن 25مىنۇت ئۆتكەندە، شۇ يەردە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى ئىلىپ بىرىۋاتقان، خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى ساقچلىرى تەرپىدىن بايقىلپ تۇتۇلغان.
شىنجاڭ «جىنلۇ» ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى نىڭ {2019}****-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا « ئى XXنىڭ قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 105 مىللىگىرام » دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچى ئى XX بۇ قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قايىل بولغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛
1. يازما ئىسپات : ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىسپاتلىرى، قان ئەۋرىشكىسى ئىلىش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى ؛
2. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
3.گۇۋھىچلارنىڭ گۇۋاھلىق ئىسپاتى؛
4. «شىنجاڭ جىنلۇ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) ****- نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛
5. نەق مەيدان خاترىىسى ۋە رەسىملىرى.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئى XXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133 – ماددا 1 – مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ. قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئى XXنىڭ قىلمىشى يىنىك، زىيانلىق ئاقىۋىتى ئىغىر ئەمەس، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 3 - تارماق، 133 - مادداىسىنىڭ 1 - مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177– ماددا 2 - تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئىلھام ئىمننى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى
2020- يىلى 6- ئاينىڭ 17- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论