شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئۈ ش س ت 2-باشقارما ئەيىبلىمەسلىك [2020] يىللىق:** - نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ي**، ئەر، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ******650102197904، ئۇيغۇر، ئالى تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن شەھىرىمىزنىڭ ** رايۇنى** يولى **-نومۇر ** بىنا **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى ي** نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئەيىبلەنمىگۈچىگە بارلىق دەۋا ھوقوقىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 00:10 لەردە، ئەيىبلەنمىگۈچى ي** ھاراق ئىچىپ، مەسىت ھالەتتە 新A** نۇمۇرلۇق ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ، شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى** يول بۆلىكىگە كەلگەندە، قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدە 88 مىللىگرام ئىسپىرت ماددىسىنىڭ بارلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان.
ئەيىبلەنمىگۈچى ي** دېلوغا كەلگەندىن كېيىن، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جازانى قوبۇل قىلغان.
يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:
1) يازما ئىسپات: ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، تۇتۇلۇش جەريانى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئاپتوموبىل ۋە شوپۇرلۇق ئۇچۇرى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ قېنىنى ئېلىپ تىزىملاش جەدىۋىلى ۋە ئەدلىيەلىك باھالاش ھاۋالەنامىسى، باھالاش پىكىرنامىسىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزى، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال چۈشەندۈرۈشنامە، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى؛
2) باھالاشنامە: شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات ئاكادىمىيىسى ئەدلىيىلىك تەكشۈرۈپ باھالاش مەركىزىنىڭ [2020] AJ**-نومۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاشنامىسى؛
3) ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى؛
4) نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتلەر ۋە سىن ماتېرىيالى؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: ئەيىبلەنمىگۈچى ي** نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەن قانۇنسىز قىلمىشىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنى 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. ئەيىبلەنمىگۈچى ئۆز ئىقتىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلغان، جىنايى قىلمىشى يېنىك، ھەمدە تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، شۇڭا جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يۈسۈپجان تۇرسۇننى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرزى سۇنسا بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论