شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئۈ ش س ت ت 1- باشقارما ئەيبلىمەسلىك چىقىش [2020] يىللىق: 21 - نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ر **، ئايال، 1985-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:******** 6521231985 ، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك **-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقىتلىق خىزمەتچىسى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونى ** يولى غەربىي **-كوچا **-نۇمۇر ** ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇر. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئوغرىلىق جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ قولغا ئېلىش زۆرۈرىيتى يوق دەپ قاراپ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارى چۈشۈرگەن، ھەمدە شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، ھازىر تۇرار جايىدا نازارەتتە.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى ر ** نىڭ ئوغرىلىق جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئەيىبلەنمىگۈچىگە بارلىق دەۋا ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنكى كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق. دېلو ئارلىقتا ج خ ئورۇنلىرىغا تولۇقلاپ تەكشۈرۈشكە يولاندى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
ئەيىبلەنمىگۈچى ر ** 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 13لەر ئەتراپىدا ئۈرۈمچى شەھەر سايباغ رايونى ** كوچىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك **-ئوتتۇرا مەكتەپ ئاشخانىسى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچى ** نىڭ يوقلىقىدىن پايدىلنىپ مە ** نىڭ كىيىم ئىشكابىغا قويۇپ قويغان سومكا ئىچىدىن 2100 يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ ئالغان. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان.
يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:
(1) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتېرىيالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
(2) يازما ئىسپات: ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، دېلوغا كېلىش جەريانى، ئاختۇرۇش خاتىرسى، تۇتۇپ قېلىش قارارنامىسى ۋە تۇتۇپ قېلىش جەدىۋېلى، تىزىملاپ ساقلاش جەدىۋېلى، ماددى بويۇم ۋە ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەدىۋېلى ھەم قايتۇرۇپ بىرىش جەدېۋىلى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلش كاپالەتنامىسى؛
(3) ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ؛
(4) ئۈن-سېن ماتېرىيالى؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: ئەيىبلەنمىگۈچى ر ** دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈكىنى ئوغرىلاپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان قانۇنسىز قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى ر ** تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، قىلمىشى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، زىيانغا ئۇچىرىغۇچىنىڭ زىينىنى قايتۇرۇپ بەرگەن، جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى بولغان، دېلوغا كەلگەندىن كىيىن جىنايىتىنى راستىچىللىق بىلەن تاپشۇرغان، تەھقىقىلىگۈچى ئورگاننىڭ تەكشۈرشىگە ئاكىتىپلىق بىلەن ماسلاشقان، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغان. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177- ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن نىسبىي ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
ئەگەر دەۋالاشقۇچىلار قارارنامىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ يەتتە كۈن ئىچىدە نارازىلىق ئەرز سۇنۇپ ئەيىبلەشنى ئىلتىماس قىلسا، ياكى بىۋاستە ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论