乌什县人民检察院
不起诉决定书
乌什检一部刑不诉〔2020〕XX号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىپلىمەسلىك (2020)XX–نومۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۈچى رXX، ئايال، ئۇيغۇر، XX–يىلى XX–ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXX، XX ناھىيە XX بازىرى XX يولى XX-كوچا XX-تاركوچا XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىپلەنمىگۈچى رXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشى ئۈچۈن يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىپلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردى ھەمدە ئەيىپلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى ئەستايدىل ئاڭلىدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار رXX 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 17:00 ئەتراپىدا XX بازىرى XX-ئولتۇراق رايونىدىكى ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز جاڭشاۋبەي ماركىلىق ئاق ھاراقتىن بىر قۇتا ئىچكەندىن كېيىن، سائەت 19:00 دا ئۆيىدىن چىقىپ قورونىڭ ئىچىگە توختۇتۇپ قويغان XX نومۇرلۇق بەش كىشىلىك ئائىلە ماشىنىسىنى ھەيدەپ XX تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى دوستى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مېڭىپ XX بازىرى XX-كەنىت XX-مەھەللىدىكى نەسىھەت قىلىش پونكىتىغا كەلگەندە، شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى بايقالغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى« رXXنىڭ ھەر100مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارىنى 107.40مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىپلەنمىگۈچى رXXنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنىدىكى خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. بۇ ھەقتە پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق ھەم راست، ئەمما ئەيىپلەنمىگۈچى تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن، جىنايەت سادىر قىلغاندىن كېيىن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيسى ياخشى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىشقا بولىدۇ، قىلمىشى يىنىك، قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇڭا ئەيىبلەنمىگۈچىنى «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلدى.
مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىغان تەرەپ قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论