شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى چاقىلىق ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلىمەسلىك قارار نامىسى
چ ت ئەيىپلىمەسلىك (2019) 11-نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۇچى تۇ**، ئايال، ئۇيغۇر، 1987- يىلى**-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6528241987******** شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيىسىدىن، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ئادىرىسى: چاقىلىق ناھىيە** يېزا **مەھەللىسى **-نۇمۇر، كەسپى: دېقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئالدامچىلىق جىنايىتىدە گۇمانلىق بولغانلىقى ئۇچۇن 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۇنى چاقىلىق ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن.
چاقىلىق ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئى**نىڭ قىمارۋازلىق جىنايىتى ،ئالدامچىلىق جىنايىتى، قاقتى سۇقتى قىلىش جىنايىتى(ئەمەلگە ئاشمىغان) ز**نىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى، باسقۇنچىلىق جىنايىتى ، قاقتى سۇقتى قىلىش جىنايىتى(ئەمەلگە ئاشمىغان)، تۇ**نىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دىلۇسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۇرۇش جاۋاپكارلارنىڭ ئاساسىي ھۇقۇق - مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇرۇش، جاۋاپكارلارنى قانۇن بۇيىچە سۇراق قىلىش، ئالاقىدار دەلىل– ئىسپاتلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق دىلۇ ئىككى قىتىم ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرۇلغان، دىلۇ بىجىرىش سۇرۇگى 3 قىتىم ئۇزارتىلغان. تەكشۇرۇش ئارقىلىق جاۋاپكارلارنىڭ تۇۋەندىكىدەك جىنايى قىلمىشى تەكشۇرۇپ ئېنىقلاندى .
جاۋاپكار ز** 2011-يىلى 10-ئاي مەزگىلىدە م**نى ئۆيىگە تاماققا چاقىرغان، مە** ز**نىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كىيىن تاماق ئارلىقىدا ز** مە**انى ئالداپ ئۇنىڭدىن پۇل ئۇندىرىۋىلىش مەقسىتى بىلەن ئۇنىڭغا < ئاچام تۇ** ئىرىگە ئۇقتۇرماي ئۆيىدىكى20 مىڭ يۇئەننى خەجلىۋىتىپتۇ، سەن مۇشۇ ئىشقا ياردەم قىلىپ، يالغاندىن ئاچامدىن 20 مىڭ يۇئەن قەرىز ئالغانلىقىڭغا قارىتا قەرىز يىزىپ بەرسەڭ، ئاچام سىنىڭ قەرىز ھۆجتىڭنى ئىرىگە كۆرسىتىپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىۋالسا> دىگەندىن كىيىن مە** قۇشۇلۇپ < تۇ**دىن 20 مىڭ يۇئەن قەرىز ئالدىم، بۇ پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرىمەن> دىگەن مەزمۇندا ز**غا قەرىز ھۆجىتى يىزىپ بەرگەن (ھۇججەت تىپىلمىغان). ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كىيىن ز** مە**نى ئىزدەپ يالغاندىن يىزىلغان قەرىز ھۆجىتىنى دەستەك قىلىپ، 20 مىڭ يۇئەن قەرىزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، مە**نى قىستاشقا باشلىغان، 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۇنى ز** ئەيىپلەنمىگۇچى تۇ**(ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان) گە ئۆزىگە ماسلىشىپ بىرىشنى، مە**دىن ئالىدىغان پۇلنى ئالىدىغانلىقىنى ئىيتقاندىن كىيىن ئىككىسىى بىرلىشىپ مە**نى ئىزدىگەن ۋە ئۇنى ئىزدەپ تاپقاندىن كىيىن تۇرلۇك ۋاستىلەرنى قوللىنىپ < 20 مىڭ يۇئەن قەرىز> نى قايتۇرۇشقا قىسىتىغان،بۇ جەرياندا ئەيىپلەنمىگۇچى تۇ**مۇ ئۇكىسى ز**غا ماسلىشىپ،< ئىرىمنىڭ ئالدىدا بەك تەڭلىكتە قالدىم، پۇلنى ۋاقتىدا بىرىۋىتىڭ > دەپ مە**نى قەرىزنى قايتۇرۇشقا قىستىغان، مە** پۇل بەرمىسە بۇلاردىن قۇتۇلۇلمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كىيىن، ئۇلارغا باشقىلار يەر ساتقاندىكى قىپ قالغان پۇلنى ئىلىپ بەرمەكچى بۇلۇپ ئۇچەيلەن بىرلىكتە چاقىلىق ناھىيىلىك ** ئىدارىسىنىڭ كادىرى لىي **نى ئىزدەپ بىرىپ، مە** لىي**نغا يەر ساتقاندىكى قىپ قالغان پۇلنى بىرىۋىتىشنى ئىيتقان ، لىي ** پۇلنى ئۆيدىن ئىلىپ بەرمەكچى بولغاندا ز** بىلەن تۇ**مۇ مە**ا بىلەن بىللە لىي **نىڭ ئۆيىگە بىللە بارغان، لىي ي** ئۆيىدە مە**غا 10مىڭ يۇئەن بىرىپ ھۆججەت يازدۇرىۋالغان، مە** 10 مىڭ يۇئەننى ئىلىپ سىرتقا چىققاندىن كىيىن بۇ پۇلنى ز**غا بەرگەن، ز** بۇ 10 مىڭ يۇئەننى ئۆزى خەجلەپ تۇگەتكەن.
مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە: ئەيىپلەنمىگۇچى تۇ** جاۋاپكار ز**غا ماسلىشىپ ز**نىڭ باشقىلارنى قاقتى سۇقتى قىلىشقا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن قىلمىشىدىن‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› نىڭ 25-ماددىسى 274- ماددىسىدىكى قاقتى سۇقتى قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، ئەيىپلەنمىگۇچى تۇ**نىڭ جىنايەتنى سۇرۇشتۇرۇش ۋاقىت چىكى ئۇتۇپ كەتكەن ، ئەكەشكۇچى جىنايەتچى دەپ قاراپ ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 177-ماددا 1- تارمىغىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىپلىمەسلىك (قانۇن بۇيىچە ) قارار قىلىندى .
ئەگەر ئەيىپلەنمىگۇچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا ،مۇشۇ قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن باشلاپ 7 كۇن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچى ئەگەر بۇ قارارغا قايىل بولمىسا ،مۇشۇ قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن باشلاپ 7 كۇن ئىچىدە مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ،ياكى ئۆزى بىۋاستە چاقىلىق ناھىلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىىگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
2019-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۇنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论