莎车县人民检察院
不起诉决定书
莎车县院一部刑不诉〔2020〕**号
被不起诉人吾某,男性,19**年**月**日出生,居民身份证号码65312519******4214,维吾尔族,初中文化,农民,户籍所在新疆喀什地区X县X镇X村*组***号,无前科,因涉嫌非法狩猎罪,于2020年6月5日被莎车县公安局取保候审,2020年10月28日被我院取保候审。
本案由莎车县公安局侦查终结,以被不起诉人吾某涉嫌非法狩猎罪,于2020年10月28日向本院移送审查起诉。本院受理后,于2020年10月28日已告知被不起诉人有权委托辩护人和认罪认罚可能导致的法律后果,依法讯问了被不起诉人,听取了被不起诉人的意见,审查了全部案件材料。
经本院依法审查查明:
被不起诉人吾某2020年5月9日左右,发现自己在X镇**村*组的核桃地的5亩玉米被飞鸟野生动物吃掉后,在2020年5月15日左右,把玉米粒浸泡在以前用的农药(二甲戊灵)里,把浸泡在农药的玉米粒洒在玉米地里,引起导致了6只雉鸡像雉鸡一样的野生动物的死亡。
新疆维吾尔自治区森林公安局司法鉴定中心【2020】***号司法鉴定意见书鉴定被不起诉人吾某杀死的6只野生动物是国家认定为三有益野生动物雉鸡Phasianus colshicus。
喀什地区公安局刑事科学技术研究所【2020】**号理化检验鉴定意见书鉴定现场提取的玉米粒和雉鸡野鸡胃内容物相似度达80%以上。
本院认为,被不起诉人吾某为防止动物吃掉农田上的玉米,而使用侵泡农药的玉米粒洒在田地上,导致雉鸡吃完后死亡的行为不构成《中华人民共和国刑法》第341条第二款规定的非法狩猎罪,没有主观上的故意,不能满足本罪的构成要件,不构成非法狩猎罪,故依照《中华人民共和国刑事诉讼法》第一百七十七条第一款之规定,建议决定不起诉(绝对)。
被不起诉人如不服本决定,可以自收到本决定书后七日内向本院申诉。
莎车县人民检察院
2020年11月25日
(院印)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ي ت ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 86 - نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئوX، ئەر، ئۇيغۇر، 19**–يىلى *- ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:65312519******4214، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دىھقان، X ناھيە X بازار X كەنتى *-مەھەللە ***-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان، قانۇنسىز ئۆۋلاش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئوXنى قانۇنسىز ئۆۋلاش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئوX 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنلىرى ئەتراپىدا، X بازار **-كەنىت *-مەھەللىدىكى ياڭاقلىق مەيدانغا تىرىغان 5 مو قوناقنى ئۇچار قۇشلارنىڭ يەپ كەتكەنلىكىنى كۆرۇپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتراپىدا، بۇرۇن ئىشلەتكەن ئۆت-چۆپ يوقىتىش دورىسىغا قوناقنى چىلاپ، ئىتىزلىقنىڭ چۆرىسىگە چىچىپ 6 دانە قىرغاۋۇلغا ئوخشايدىغان ياۋايى ھايۋاننىڭ ئۆلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى ئورمان ج خ ئىدارىسى ئەدىلىيلىك باھالاش مەركىزى نەقمەيداندىن بايقالغان 6 دانە ھايۋاننىڭ ئۆلىكىنى ئەدىلىيلىك باھالاپ ئەيىبلەنمىگۇچى ئوX تەرپىدىن ئولتۇرۇلگەن 6 دانە ھايۋاننى دۆلەت تەرپىدىن «ئۈچكە پايدىلىق» ياۋايى ھايۋان قىرغاۋۇل دەپ بىكىتكەن.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار تىخنىكا ئەترىتى ئەيىبلەنمىگۇچى ئوXنىڭ ئىتىزلىقىدىن تىرۋىلىنغان قوناق بىلەن قىرغاۋۇلنىڭ پوكىنىدىن چىققان قوناقنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىنىڭ ئوخشاشلىق نىسبىتىنى 80% دەپ يەكۇن چىقارغان.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئوXنىڭ ئىتىزلىققا تىرىغان قونىقنى قوغداش ئۇچۇن زەھەرلىك دورىغا چىلانغان قوناقنى ئىتىزلىققا چىچىپ 6 تال قىرغاۋۇلنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان قىلمىشى سەۋەنلىكتىن سادىر بولغان، قانۇنسىز ئۆۋلاش جىنايىتى سوبىيكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن سادىر قىلىنىدۇ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 341-ماددا 2-تارماقتىكى قانۇنسىز ئۆۋلاش جىنايىتىنى شەكىللەندۇرمەيدۇ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177-ماددا 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئوXنى ئەيىبلىمەسلىك (مۇتلەق) قارار قىلىندى.
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى
2020- يىلى 11- ئاينىڭ 25- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论