شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
شايار ت ئەيىبلىمەسلىك (2020) 48-نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxx، ئەر، ئويغۇر،xx19-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxxxx65292419، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە, دىھقان، xx ناھىيە xx بازىرى x كەنت 2-گوروپ 139-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىل 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئوغرىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2019-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن، 2020-يىلى 9–ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئەxxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2019) 167-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxx 2019-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كىيىن x ناھىيە x بازىرى x كەنت 4-گوروپ تەۋەسىدىكى ئاxxنىڭ دۇكىنىدا ئېxx، زxx، ئېxxنىڭ بىر دوستى قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچىپ، سىرتقا چىقىپ يېنىدا خەجلەيدىغان پۇل يوق بولغاچقا، xx بازىرىنىڭ بازار كۈنىدىن پايدىلىنىپ چارۋا ئوغۇرلاپ، سېتىپ پۇل قىلىپ خەجلەش مەقسىتىدە، پىيادە مېڭىپ xx بازىرى x كەنت 4-گوروپ تەۋەسىدىكى ياڭاقلىق ئېتىزغا بېرىپ، رxxنىڭ ياڭاقلىق ئېتىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا قۇزۇق قېقىپ باغلاپ قويغان سېرىق، ئاق رەڭلىك 10000 يۈەن قىممىتىدىكى بىر تۇياق كالىنى كۈرۈپ، ئەتراپنى كۈزۈتۈپ ئادەم يوقلىغىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن، كالىنىڭ ئارغامچىسىنى يىشىپ، 10 مىتىر ئارىلىققا ماڭغان ۋاقىتتا xx كەنت 4-گوروپ ئەزاسى تxx بايقاپ قالغاندىن كىيىن، تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇپ كالىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن.
مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxxنىڭ قانۇنسىز ئېگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالماقچى بولغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللەنمەيدۇ . شۇڭا « جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 16-ماددا 1-تارماق ، 177-ماددا 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەxxنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ياكى بىۋاستە شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ .
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论