كەلپىن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ك،ت، 1-بۆلۈم ئەيىبلىمەسلىك(2020) 1-نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى****،ئەر،ئۇيغۇر،-1988يىلى5-ئاينىڭ-15كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:65292919880515****ئادىرىسى:كەلپىن ناھىيە كەلپىن بازىرى دىمۇكىراتىيە يۇلى -8نۇمۇر****ئولتۇراق رايۇنى-2بىنا-3كورپۇس-302 نۇمۇرلۇق ئۆي،****ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،تۇلۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،ئىلگىرى جازالانمىغان.خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن-2018 يىلى-11ئاينىڭ-23كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.ھازىر ئائىلىسىدە.
كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى****نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، -2019يىلى-11ئاينىڭ-18كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن،قانۇن بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى،ئەيىبلەنمىگۈچىدىن سۇئال سورىدى،دىلو ماتىرياللىرنى تەكشۈرۈپ،تۇلۇقلاپ تەھقىقلەش زۈرۈر دەپ قاراپ،-2019 يىلى-11ئاينىڭ -24كۈنى ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردى، ج خ ئىدارىسى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،-2020يىلى-3ئاينىڭ-30كۈنى قايتا يوللىغاندىن كىيىن مەھكىمىمىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئاياقلاشتۇردى.
كەلپىن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئەيىبلەش پىكىرنامىسىدە:گۇماندار**** 2018-يىلى8-ئاينىڭ12-كۈنى سائەت 00:23دە،ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە ئۆزىنىڭ 柯 A0**** نۇمۇرلۇق ياماخا ماركىلىق كۆك رەڭلىك ئىككى چاقىلىق ئايالچە موتسىكىلىتىنى ھەيدەپ، كەلپىن ناھىيە كەلپىن بازىرى دىمكۇراتىيە يولىنى بويلاپ شەرىقتىن-غەرىپكە قاراپ يول يۈرۈپ، دىمۇكۇراتىيە يولى 44-نۇمۇرلۇق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نوقتىسى ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،شۇ يول بۆلىكىدە غەرىپتىن-شەرىققە قاراپ كىتىۋاتقان ئالاقىدار**** ھەيدىگەن 新NJ****نۇمۇرلۇق كىچىك تىپلىق دالا ئاپتوموبىلى بىلەن ئۇدۇلدىن سوقۇلۇپ، ئۆزىنىڭ يارلىنىشى،ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچىرىشىدەك يول قاتناش ھادىسىنى سادىر قىلغان.قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ،باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا،ھەر 100مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 192.22مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى دەپ بىكىتكەن.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق،ئىسپىرىت مىقدارى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ ئەيىبلەنمىگۈچى****نىڭ قېنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات يىتەرلىك ئەمەسدەپ قاراپ،ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرغان بولساقمۇ، ج خ ئىدارىسى دەلىل-ئىسپاتنى تۇلۇقلىيالمىغانلىقدىن،دىلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق ئەمەس،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ئەمەس،ئەيىبلەش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قاراپ،«جوڭخۇر خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 175-ماددا 4-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە****نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.
ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرىز سۇنسا بۇلىدۇ.
زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا،قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، يەتتە كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبە مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇنۇپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا ياكى ئەرىز سۇنماي بىۋاستە كەلپىن ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
2020-يىلى4-ئاينىڭ14-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论